بىر كومپيۇتىر ئۇستىسىنىڭ يېتىلىش جەريانى


بىر كومپيۇتىر ئۇستىسىنىڭ يېتىلىش جەريانى
ئوغرى
ھازىر بىر مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مەركىزى قىسمى(core) نى يېزىۋاتىمەن. يېزىپ بولساملا ھەممىسىنى ئاشكارلايمەن، جۇڭگۇنىڭ IT تېخنىكىسىنڭ تەرەققىقىياتىغا ئازراق تۆھپە قوشالىسام ئەجەپ ئەمەس. يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ماڭا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تەرەققى قىلىش يۆنۈلىشىنى تاپالمايۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ ئۆز كەچۈرمۈشلۈرۈمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.بۇ ئارقىلىق يېڭىلا بۇ كەسىپكە قەدەم باسقان دوستلارغا ئازراق ياردىمىم بولۇپ قالار.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ITساھەسىدە ئوقۇغان ۋە ئىشلىگىنىمگە 7 يىل بولۇپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا تور بەت تۈزۈپ باقتىم، MISا، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، يۇمشاق دىتال لايھىلىدىم. ئالاقە يۇمشاق دىتاللىرىنى، قاتتىق دىتاللارنىڭ قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى، تور كىلىشملىرىنى يازدىم، ھازىر بىر مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ مەركىزى قىسمىنى يېزىۋاتىمەن ھەم IC ئېچىشقا ئالاقىدار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان ئەگرى يوللارنى ماڭدىم، كۆپ جاپا چەكتىم.
مېنىڭ ئوقۇغۇنىم بىر ئۈچىنچى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ، ھەتتا شۇ شەھەردىكى كىشىلەرمۇ شۇنداق بىر مەكتەپنىڭ بارلىغىنى بىلمەيتى. ئوقۇغان مەكتىۋىم ياخشى بولمىغاچقا مەكتەپنىڭ ئىناۋىتىگە تايىنىپ بىر ياخشى خىزمەت تېپىشنى ئويلۇمۇدۇم. بارلىق ئۈمىت ئۆزەمنىڭ تېرىشچانلىغىدا قالدى. بىرىنجى يىللىقا كىرىشنىڭ ئالدىدىكى تەتىلدىن باشلاپلا ئۈگۈنۈشنى باشلىۋەتتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە ، بىرىنجى بولۇپ سېتىۋالغان كىتاۋىم < كومپىيۇتىردىن ئاساس DOS 3.0> ئىدى. ھەيران قالغان بولساڭلار كىرەك، ئەمەلىيەتتە شۇ ۋاقىتلاردا DOS 6.22ئومۇملىشىپ بولغان ۋاقىت ئىدى. پەقەت كىتاپخانىدا DOS 4.0,DOS5.0 لارنىڭ كىتاۋىنى كۆرۈپ ئېنگىلىسچە كىتاپلارغا ئوخشاش 4-ئىجى، 5-ئىنجى قىسىملىرى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.تېخى DOS 1.0 نىڭ كىتاۋىنى ئىزدەپ باققان ئىدىم، تەلىيىمگە ئۇچراپ قالماپتىكەن. ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن PASCAL تىلىنى ئۈگۈنۈپ بولدۇم، ئۇ ۋاقىتتا ئىشلىتەي دىسەم كۆمپيۇتىر، سوراي دىسەم بىلىدىغان بىرسى يوق ئىدى، نىمىنىڭ پىروگرامما ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيتىم. پەقەت پىروگرامملىلارنى ئۆلۈك يادىلىۋىلىپ ئاندىن قەغەزگە يازاتتىم. ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندا بىر دانە 486 كومپيۇتىرىم بار بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن قانچە پىروگرامما يازدىم بىلمەيمەن، ئېسىمدا قېلىشىچە ئەڭ ئۇزۇن بىرىنى A4قەغەزدە 30 بەتتىن ئارتۇق يېزىپتىكەنمەن.مەن ئۈگەنگەن C,C++ تىللىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇنداق شارائىتتا ئاساس سالغان ئىدىم. شۇڭا دەيدىغىنىم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش مۈمكىن، مېنىڭ كەچۈرمىشلىرىم شارائىتى ناچار ساۋاقداشلارغا ئازراق ئۈمۈت بېغىشلىسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
تۈنج قېتىم ھەدەملەرنىڭ كومپىيۇتىر ئۆيىدە مەشغۇلات قىلغان چېغىمدا يۈرۈگۈم ھاياجاندىن سېلىپ كەتتى.لىكىن ئۇلارنىڭ ئىشلىتىدىغنى Windows 3.0 نىڭ ئېنگىلىسچە نۇسخىسى ئىكەن، مېنىڭ ئۈگەنگەن DOSبىلىملىرىم نەلەردە قالدى. شۇنچە ئاۋايلاپ مەشغۇلات قىلساممۇ Word نى پۈتۈن ئېكرانغا چىقىرىپ قويۇپ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەي جىددىلەشكىنىمدىن ئىشتانغا چىقىرۋىتەي دەپ قالدىم، كومپيۇتىرنى بۇزۇپ قويدۇم دەپ ئويلىغان ئىدىم.تۈنجى C پروگراممام، ھېلىقى قەدىرلىك HelloWorld ! نى سىناش ئۈچۈن نەچچە ھەپتە ۋاقىت سەرىپ قىلدىم.كومپيۇتىردا مەشغۇلات قىلىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز ئىدى. يەنە كىلىپ باشقىلار ماڭا Turbo C تەھرىرلەش مۈھىتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن بەزى ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش كىرەكلىگىنى دەپ بەرمىگەن. تېخى دەسلەپتە كومپايىل مۇھىتىنىڭ بارلىغىنى بىلمەي ئەقلىمنى ئىشلىتىپ يازغان پروگراممامنىڭ كىڭەيتىلگەن ئىسمىنى Cدىن Exeئۆزگەرتىپ قويغان ئىدىم. ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىغى كۆپچىلىككە ئايان. بىرىنجى يىللىقتىلا X86,C,C++ ىڭ ئاسسېمبىل تىلى، ۋە سان-سفىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۈگۈنۈپ بولدۇم. بارلىق زېھنىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۈگۈنۈشكە بېرىپۋەتكەچكە بىرىنجى يىللقتىلا تۆت دەرىستىن ئۆتەلمىدىم. ئۈچۈنچى قاتاردىكى مەكتەپنىڭ ياخشى يېرى شۇ، ئون –يىگىرمە دەرىستىن ئۆتەلمىسىڭىزمۇ پۈتتۇرۇۋېرسىز. مەندەك تېرىشقان بىر ئوقۇغۇچىمۇ ئۆتەلمىسە، بۇ دۆلىتىمىز كومپيۇتىر مائارىپىنىڭ قانچىلىق قاتمال ئىكەنلىگىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا VC,BCلارنى ئۈگەنمەكچى بولۇپ قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمىدىم. ئاخىردا VCنى تاللىدىم، نىمىشقا دەمسىز ، VCنىڭ كىتاۋى 6سوم ئەرزان ئىكەن. مېنىڭ تېرىشچانلىغىىمغا سىنىپىمىزدىن ھېچكىم يىتەلمەيتتى. كېچە-كۈندۈز دىمەي ئۈگۈنەتتىم. ئۈچىنچى يىللىقتا كومپيۇتىرىم بار بولغاندىن كىيىن تېخىمۇ شۇنداق قىلدىم. دادام يېرىم كېچىدە تۇرۇپ ”جېنىڭنى سېلىىپ بېرەمتىڭ !“ دەپ تىللاپ كېتەتتى. مېنىڭ باشقىلاردىن ئاساسىم ناچار، ئەستە تۇتۇش قابىليىتىم ناچار ، تېخىمۇ كۆپ تېرىشسام ئاندىن باشقىلارغا يېتىشىۋالالايمەن دەپ ئويلايتتىم. بەزى ساۋاقداشلرىىم تېىخى مېنى كومپيۇتىر ئۈگۈنۈشتە تالانتىڭ بار دەيتتى، كۈلۈپ كېتەتتىم.مېنىڭ كومپيۇتىرىم 486 ئىدى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ بولسا MMX 166 ئىدى. Windows NTنى قاچىلىشىم ئۈچۈن بىر كېچە كېتەتتى. ئېكرانىم كونا مال ئىدى، رادىئاتسىيىسى ئىنتايىن كۈچلۈك، بىر قېتىم پروگرامم يېزىۋېتىپ قارىسام ئېكران قىزىلغا ئايلىنىپ قالدى، ئېكراندىن چاتاق چىقتىمىكىن دەپتىمەن، ئەسلىدە كۆزۈم تېلىپ كېتىپتىكەن، ھەيران قالىمەن، ئاشۇ كۈنلەردىمۇ كۆرۈش قۇۋۋېتىم 1.5 تە ساقلىنىپ قاپتىكەن، مۆجىزە –دە بۇ. ئاشۇنداق بىر رەۋەك كومپيۇتىر ماڭا ئىككى يىل ھەمرا بولدى. مەن ئۇنىڭىدىن پايدىلىنىپ VC, Delphi, SQLserver قاتارلىقلارنى ئۈگۈنىۋالدىم.كىيىن ئۇ كومپيۇتىرنى ھاممامغا بەرگەهنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ قىزىقىپ خەت ئۇرۇۋاتقان بىر ئاخشىمى ئېكراننىڭ ئارقى تەرىپىدىن ئىس چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
ئۈچىنچى يىللىقتىكى بىر تەتىلدە بىر كومپيۇتىر تەتقىقات ئورنىدا پىراكتىكا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. پىراكتىكا دىگەندىن كۆرە ھاشار دىگەن تۈزۈك، ئىككى ئاي ئىشلەپ بىر فۇڭ ھەققا ئېرىشەلمدىم. لىكىن بۇ ئىككى ئاي ۋاقىتنىڭ ماڭا جىق پايدىسى تەگدى.دەسلەپ بارغان چاغدا ھىچنىمىنى بىلمەيتىتىم، شۇ جەرياندا تور بىلەن تونۇشتۇم، Delphi, Oracle لارنى ئۈگۈنىۋالدىم. خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىگەچكە ياخشى باھاغا ئېرىشتىم، بىر ئاكاشنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار بىلەن تۈرلەرنى ئىشلەشكە باشلىدىم. شۇنداق قىلىپ ئالي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى، تۆتىنچى يىللىقىدىلا كېرىمىم بار بولدى. تۆتىنچى يىللىقتا ئىككى MIS شىركىتىدە ئوقۇشتىن سىرىت ئىشلىدىم.تاپقان پۇلۇم كۆپ بولمىسىمۇ لىكىن ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدىلا 1000 سومدىن ئارتۇق كىرىمگە ئېرىشكىنىمدىن ناھايىتى رازى ئىدىم. تۆتىنچى يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۈمى خىزمەت ئىزدەشكە كىرىشتىم، بۇچاغدا مېنىڭ خىزمەت تەجىربەم خېلى كۆپ ئىدى ( ھازىر ئويلۇسام بۇ بىر سەبىلەرچە خىيال ئىكەن ) . ئاتا – ئانامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھېلىقى پىراكتىكا قىلغان تەتقىقات ئورنىغا بارماقچى بولدۇم، ئۇلارمۇ مېنىڭ كېلىشىمنى ئۈمۈت قىلاتتى. لىكىن نىمە بولدى ئاخىرى چىقمىدى. ئاچچىغىمدا ئۆزەم ئىشلەپ باققان بىر MISئىشلەيدىغان شىركەتكە بېرىپ گورۇپپا باشلىغى بولۇپ ئىشلىدىم. خىزمەت ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، خېرىدار بىلەن ئۇلارنىڭ تەلىۋى توغرۇلۇق سۆزلىشىش بىلەن لايھىلەش، پروگرامما تۈزۈش، سىناش ، تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزۈم چاپاتتىم. ئۇچاغلاردا بىرخىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولاتتى، ئۆزەمنى خېلى قابىليىتىم باركەن دەپ ئويلايتتىم. كىيىن ئويلىسام تېخى خامكەنمەنتۇق.
يېڭى خىزمەتكە چىققان ئوقۇغۇچىلار ئاسانلا ئېزىقىپ قالىدۇ. پروگرامما تۈزۈش قوراللىرى كۆپلۈگىدە ئادەمنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىدۇ. يەنە كىلىپ ئۆزىنى شىركەت ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىدۇ. لىكىن بۇنداق خىزمەت مەڭگۈ تۆۋەن دەرىجىلىك پروگرامما ئاچقۇچىلار قىلىدىغان خىزمەت. سېستىما تەھلىلى ئۇنداق تەس، مۇنداق مۇھىم دەپ يۈرمەڭ. سىزنىڭچە خېرىدار بىلەن ئېھتىياجى توغرىلىق سۆزلىشىپ لايھە تۈزۈشنىڭ ئۆزى سېستىما تەھلىلى ۋە سېستىما لايھىسى ھىساپلىنامدۇ ؟ دۆلەت ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ قانچىسى ئۆلچەملىك ، مۇكەممەل قىلالايدۇ ؟ مەن ھازىر ISO9000 نىڭ تەكشۈرگۈچىسى ، تالاي قېتىم Rational شىركىتىگە بېرىپ تەربىيلەش كۇرۇسلىرىغا قاتناشقان ، 4 كىنىشكە ئېلىپ بولغان. يەنە بىر شىركەت مېنىCMM تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى. بۇنداق ئىشلارنى مەن كۆپ ئاڭلىغان. نۇرغۇن ئىشلار دۆلەت ئىچىگە كىرگەندىن كىيىنلا خاراكتىرى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ. بىر شىركەت ISO9000 تىن ياكى CMM تىن ئۆتسىلا رەتلىك، ئۆلچەملىك بولۇپ كېتەلمەيدۇ. مەن ھازىر10 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بىر چەتئەل كارخانىسىدا ئىشلەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ كارخانا باشقۇرۈش سەۋىيىسىگە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار ھەرگىز يىتەلمەيدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئەمدىلا خىزمەتكە قەدەم قويغان بىر ئوقۇغۇچى ھە دىسىلا سېستىما لايھىلەش، سېستىما تۈزۈشلارنى ئىگىلەپ بولالمايدۇ. ئوبىكتىغا يۈزلەنگەن ، UML دىگەنلەر پەقەتلا بىر قورال، مۇھىمى شۇكىشىنىڭ تەسەۋۋۇرى. C++,Roseلارنى ئۈگۈنۈپلا ياخشى لايھىلەرنى ئىشلەپ چىققىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە ئەگەر سەۋىيە يۇقىرى بولسا C ئارقىلىقمۇ C++دىنمۇ بەكرەك قېلىپلاشقان پروگراممىلارنى تۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ.
دۆلەت ئىچىدىكى يۇمشاق دىتال لايھىلەش ساھەسىدە بىر غەلىتە ئېقىم شەكىللىنىپ قالغان. نۇرغۇن كىشىلەر
VC > Delphi > VB دەپ ئويلايدۇ، ناھايىتى كۈلكىلىك. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىپ يۇمشاق دىتال تۈزۈپ باققان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قورالدىن باشقا نەرسە ئەمەس، قايسى بىرسى يۇقىرى دەرىجىلىك بولغانلىغى ئۈچۈن ئەمەس يۇمشاق دىتالنىڭ قوللىنىش ساھەسىگە قاراپ بىرسىنى تاللاپ ئىشلىتىش كىرەك.ئەگەر مەلۇم بىرخىل ئېچىش قورالىنى ئىشلىتىش ئابرويلۇق ئىش دەپ قارىسىڭىز بۇ سىزنىڭ تېخى پۈچەك ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈردۇ. ئەگەر يۇقۇرى دەرىجىلىك دىيىلسە يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھىساپلانمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېستىما تەمىنلىگەن API لارنى چۆرگىلىتپ يۇرۈپ ئىش قىلىدۇ. مىكروسوفىتتىكى دوستلار ئۇلار تۈزگەن نەچچە APIلارنى ، نەچچە Classلارنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋالغىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى قالتىس چاغلاپ كەتمەيدۇ. سىز مەڭگۈ ئۇلارنىڭ خېرىدارى خالاس، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى چۆنتىگىڭىزدىكى پۇل. مەنمۇ سېستىما مەركىزى قىسمى بىلەن ھەپىلىشىپ باققان، نەچچە APIلارنى كىرىشتۇرۈپ باققان، ئوخشاشلا APIدىن پايدىلىنىپ ئىككىلىمە ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خېرىدارلارنى ۋاي دەپ كەتمەيمەن ، ئەگەر ئۇلار ئۆز ئالدىغا خاسلىققا ئىگە لايھەسىنى ئوتتۇرغا قويالىسا ئۇ باشقا گەپ.
بەزىلەرنىڭ C++ > C دىگەندەك كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلىسام تېخىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلىمەن. بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ، نەچچە مەشغۇلات سېستىمىسنىڭ مەركىزى ( Kernel) Cتىلىدىن پايدىلىنىپ يېزىلغان ئىكەن ؟ ئەلۋەتتە مەن C++ياخشى ئەمەس دىمەكچى ئەمەس، لىكىن ھازىر مەشغۇلات سېستىمىسىنى تۈزۈش جەھەتتە ++Cھەرگىزمۇ Cنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.ئەلۋەتتە++C قوللىنشچان دىتاللارنى ئىشلەشكە ماس كىلىدۇ، ئۇ باشقا گەپ. شۇڭا مېنىڭ كۆز قارشىم قايسى تىلنى ياكى قايسى قورالنى تاللاشتا قايسى ئىشنى قىلىۋاتقانلىغىغا قاراش كىرەك. سىزنىڭ لايھىڭىز كەسپى قابىليتىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ.
مۇشۇنداق بىريىل ئىشلەپ زېرىكىپ كەتتىم ، قىلىدىغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى پىششىق بىلگەن ئادەم قىلىپ كېتەلەيدىغان ئىشلار ئىكەن، تېخنىكامدا ھىچقانداق ئىلگىرلەش بولمىدى، ھىچقانداق بىر نىشاننى كۆرەلمىدىم. شۇڭا بۇ شەھەرنى تاشلاپ شاڭخەيگە بېرىپ تەرەققى قىلماقچى بولدۇم. بۇرۇن قىلغان MIS نى تاشلاپ ئالاقە ساھەسىگە كىرىش نىيىتىگە كەلدىم.
خەنزۇچە مەنبەدىن ئالدىنقى قىسمى تەرجىمە قىلىندى.

http://qaran.6te.net/?p=108 | قارخان:(permalink) مۇقىم ئۇلانما

مەزكۇر يازما ئاپتورى: admin| ۋاقت:2013-يىل10-ئاينىڭ17-كۈنى| يازما تۈرى:ئۇنىۋېرسال ، سىز باھا يوللىيالايسىز، ھەمدە يازما ئەسلى مەنزىلى ۋە ئاپتورنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭ توربېتى ياكى تۇرايىڭىزغا ھەمقەدەم قىلالايسىز.
ئىجادىي يازمىلارنى ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ: بىر كومپيۇتىر ئۇستىسىنىڭ يېتىلىش جەريانى | قارخان

باھا يېزىش

تېزلەتمە كونۇپكا:Ctrl+Enter
Free Web Hosting