ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن لايىھىلەش – پىروگىرامما

下载 (7)ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن لايىھىلەش – پىروگىراممېرلىقتىن لايىھىلىگۈچىلىككە قاراپ بېسىلغان بىرىنچى قەدەم
ئۇچقۇن

يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى تەرەققى قېلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىدىكى ئىش تەقسىماتى بارغانسېرى ئېنچىكىلەپ بېرىۋاتىدۇ. ئەسلىدىكى «پىروگىراممېر» دەيدىغان بۇ ئاممىباپ ئۇقۇم ئەمىلى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا «لايىھىلەش ئۇستىسى»، «سىناش ئۇستىسى»، «قوللانما ئۇستىسى»، «تۈر دېرىكتورى »، «مەھسولات دېرىكتورى» دەيدىغان يېڭى ئۇقۇملار بارلىققا كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە «لايھىلىگۈچى» – بىر پىروگىراممېرنىڭ كەسپى تەرەققىيات جەريانىدا بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىرىنچى پەلەمپىيى بۇلۇپ ھېساپلىندۇ.
لايىھىلەشنىڭ مۇھىملىقى تۇغرىسىدا بۇ يەردە قايتا توختۇلۇپ ئۆتمىسەكمۇ بۇلار. لېكىن «قانداق قىلغاندا ھەقىقى لايىھىلىگۈچى بولغىلى بۇلىدۇ» دىگەن مەسىلە بىزنىڭ ياخشىراق مۇنازىرە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.ئەپسوس بۇ ماقالەمنىڭ ئاساسى تىمىسى ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ بۇنىڭغا قىسقىغىنە جاۋاپ بېرىپ ئۆتۈشنى زۆرۆر دەپ ئويلايمەن.
بىر ھەقىقى يۇمشاق دېتال لايھىلىگۈچى بۇلۇش ئۈچۈن مېنىڭچە تۈۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:
1.كۆپ يىللىق پىروگىرامما تۈزۈش تەجىربىسى.
بۇ ئاساسلىقى كود يېزىش تەجىربىسىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بىر لايھىلىگۈچى بۇلۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر ياخشى پىروگىراممېر بۇلۇش كېرەك. كودنى يېزىپ ئېقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. سىز 1000 قۇر كود بىلەن ئەمەلگە ېاشۇرغان ئېقتىدارنى باشقىلار نەچچە يۈز قۇر بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن. يېزىلغان كود ئۈنۈملۈك بۇلۇپلا قالماي ئاسىراش ۋە كېڭەيتىشكە قۇلاي، چۈشۈنۈشلۈك بۇلىشى كېرەك.
2.ئابىستىراكىتلاش ئېقتىدارى
بۇ پىروگىراممېرنىڭ كەسىپ ئەمىليىتىدىن ئاممىباپ قانونىيەتنى يەكۈنلەش ئېقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. يۇمشاق دېتال مەلوم بىر كەسپى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىنىدىغانلىقى كۆپچىلىككە ئايان. لېكىن يۇمشاق دېتالنى ئاممىباپلىق خۇسوسىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن شۇ كەسىپ ئەمىليىتىدىن ئاممىباپ قانونىيەتنى يەكۈنلەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىشلەپ چىققان يۇمشاق دېتالىڭىز ئا…نىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىپ، ب…نىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمىسە ئۇنىڭ ھاياتى كۈچىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
3.ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن لايىھىلەش ئىدىيىسى
ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تېخنىكىسى توغرىسىدا كۆپچىلىك تولا ئاڭلىغان. بىراق ئوبىكىتقا يۈزلەنگە لايىھىلەش ئىدىيىسى كۆپۈنچىمىز ئۈچۈن بىر مەۋھۇم ئۇقۇم. بۇ ھەقتە ماقالىمىزدە ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمىز.
4.كەسپى بىلىم
بۇ ھەرگىزمۇ يۇمشاق دېتال كەسپىدىكى تېخنىكىلىق بېلىملەرنى كۆرسەتمەيدۇ. قوللانما يۇمشاق دېتاللار مەلوم كەسىپ ئەمىليىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا يۇمشاق دېتالىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى ئۇشبۇ كەسىپ ئەمىليىتىگە جەزمەن پىششىق بۇلىشى كېرەك. بولمىسا يېزىپ چىققان پىروگىراممىڭىزنىڭ ھېچقانداق ئەمەلى قوللىنىشچانلىقى بولماي قالىدۇ. شۇڭا يۇمشاق دېتال لايھىلىگۈچىلېرىنى «بىرگە قابىل، كۆپكە ماھىر» دەپ تەرىپلىسە ھەرگىز ئېغىر كەتمەيدۇ.
يۇقارقى تۆت شەرتنىڭ ئىچىدە قايسىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە تالاش-تارتىش كۆپ، لېكىن «ئابىستىراكىتلاش ئېقتىدارى» بىلەن «ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن لايىھىلەش ئىدىيىسى » نىڭ زىچ باغلىنىش بار. نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ «ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن لايىھىلەش» دىگەن زادى نىمە؟ بۇلارغا قىزىقسىڭىز دېققىتىڭىز تۈۋەندىكى قۇرلېرىمىزدا بولغاي.
ئوبىكىتقا يۈزلگەنگەن پىروگىرامما تېخنىكىسى ھازىرقى يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىدىكى «باش رولچى» بۇلۇپ قالدى. ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق بىز ئىشلىتىۋاتقان پىروگىرامما تىللېرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تىلى. لېكىن كۆپۈنچىمىز ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تىلىدا ھەرخىل پىروگىراممىلارنى تۈزىۋاتقان بولساقمۇ، ئارىمىزدا ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن لايھىلەش توغرىسىدا كونكېرت چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلېرىمىز ئاز. تۈۋەندە بۇنىڭ كونكېرت باسقۇچلېرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1.تۈرلەرنى ئابىستىراكىتلاش
«ئېھتياج قوللانمىسى» نى قۇلىڭىزغا ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان بارلىق ئىسىملارنى بىر بەتكە توپلاڭ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن يەكۈنلەش ئېلىپ بېرىپ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە، زادى باشقا ئىسىملار بىلەن ئىخچاملىغىلى بولمايدىغانلېرىنى ئېلىپ قېلىڭ.بۇلار سىزنىڭ لايىھىڭىزدىكى تۈر(Class)لەرنى تەشكىل قىلىدۇ.
مىسال:ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېمتىھان نەتىجىسىنى خۇلاسىلەيدىغان بىر پىروگىراممىنىڭ ئېھتىياجى مۇنداق بايان قېلىنغان:
ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرقانچە پەن نەتىجىسى بار. ھەر- بىر پەننى بىرقانچە ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ. تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇتىلى دەرىسلېرى ئۇمومى پەن، تارىخ، جۇغراپىيە پەنلېرى ئىجتىمائى پەن، فىزىكا، خىمىيە پەنلېرى تەبئى پەن تۈرىگە كىرىدۇ. يۇقارقى ئۈچ پەن تۈرى بۇيىچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسى ھىساپلىنىدۇ…
يۇقارقى بىر ئابزاس ئېھتىياجدىن تۈۋەندىكى ئىسىملارنى تېپىش مۇمكىن: ئوقۇغۇچى، پەن، تىل- ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇتىلى، ئۇمومى پەن، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىجتىمائى پەن، فىزىكا، خىمىيە، تەبئى پەن، ئوتتۇرىچە نەتىجە.
ئەمدى بۇ ئىسىملار ئۈستىدىن ئانالىز ئېلىپ بېرىپ بۇلارنى تۈرلەرگە بۈلىمىز، ئاخىرىدا قايتا ئىخچاملاشقا بولمايدىغانلېرىنى ئېلىپ قالىمىز. نەتىجىدە تىل-ئەدەبىيات،ماتېماتىكا،خەنزۇتىلى قاتارلىق ئىسىملار « ئۇمومى پەن» گە، تارىخ، جۇغراپىيە «ئىجتىمائى پەن» گە، فىزىكا، خىمىيە «تەبئى پەن»گە، ئوتتۇرىچە نەتىجە «نەتىجە» گە ئىخچاملىنىدۇ (ئەلۋەتتە ئۇمومى پەن، ئىجتىمائى پەن، تەبئى پەنلەرنى «پەن» ئۇقۇمىغا ئىخچاملاش مۇمكىن. لېكىن بۇلارنى مەقسەتلىك ئېلىپ قالىمىز).ئاخىرىدا تۈۋەندىكى ئىسىملار قالىدۇ: ئوقۇغۇچى، پەن، نەتىجە، ئۇمومى پەن، ئىجتىمائى پەن، تەبئى پەن. مۇشۇ ناملاردا 6 تۈر قۇرسىز، ئاندىن ھەر- بىر تۈرنىڭ خاسلىقلىرىنى بەلگىلەيسىز، شۇنىڭدا بىرىنچى باسقۇچلۇق لايىھە ئاخىرلىشىدۇ.
2.تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى قۇرۇلما مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەش
بۇ باسقۇچتا قۇرۇلغان تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى تېنچلىق (قۇرۇلما) مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيسىز. تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بىرقانچە خىل بۇلىدۇ. مەسىلەن: ۋارىسلىق قىلىش، ئىشلىتىش، قوللۇنۇش…دىگەندەك (بۇ ھەقتە ئوبىكىتقا يۈزلەنگە پىروگىرامما تېخنىكىسىغا ئائىت كىتاپ-ماتېرياللاردا كۆپ سۆزلەيدۇ).
يۇقارقى مىسالنى تەھلىل قىلساق: ئۇمومى پەن، ئىجتىمائى پەن، تەبئى پەن تۈرلىرى پەن تۈرىنىڭ ۋارىسلىق قىلغۇچىلېرى بۇلىدۇ (چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەن تۈرىگە كىرىدۇ)، ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل پەنلەرنى تاللايدۇ، شۇڭا ئوقۇغۇچى تۈرى بىلەن پەن تۈرى ئوتتۇرسىدا قوللۇنۇش مۇناسىۋىتى بار. ھەر- بىر پەننىڭ نەتىجىسى بۇلىدۇ، شۇڭا پەن بىلەن نەتىجە تۈرى ئوتتۇرسىدىمۇ قوللۇنۇش مۇناسىۋىتى بار…
3.تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەركەتچان مۇناسىۋەتنى بەلگىلەش
تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەركەتچان مۇناسىۋەت دىگىنىمىز تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى قوزغۇتۇش ۋە قوزغۇلۇش مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقارقى مىسالدا: ئوقۇغۇچى تۈرى پەن تۈرىنىڭ «تاللاش» ھادىسىسىنى قوزغۇتىدۇ. پەن تۈرى نەتىجە تۈرىنىڭ «ئوتتۇرىچە نەتىجىنى ھىساپلاش» ھادىسىسىنى قوزغۇتىدۇ…
4.كەسپى لوگىكىغا ئاساسەن تولۇقلاش ۋە شاللاش
بۇ باسقۇچتا كەسپى لوگىكىنىڭ كونكېرت تەلىپىگە ئاساسەن يۇقىرىقى ئۈچ باسقۇچتا ئېلىپ بېرىلغان لايىھە ئۈستىدىن تولۇقلاش ۋە شاللاش ئېلىپ بارىمىز. كەسپى لوگىكىغا مۇناسىۋەتسىز تۈر، ئىش ۋە خاسلىقلارنى چىقىرۋىتىمىز. كاملېرى بولسا تولۇقلايمىز.
يۇقارقى لايىھىلەش باسقۇچلېرىنىڭ كونكېرت ئىپادىلىنىش قانداق بۇلىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قەغەزگە يېزىپ ئولتۇرىمىزمۇ؟
بۇنىڭ ئۈچۈن UML غا تايانماي بولمايدۇ.
UML بولسا Unified Modeling Language نىڭ قىسقارتىلمىسى، يەنى ئۇموملاشقان مودېل قۇرۇش تىلى دىگەن مەنىدە. ئۇ ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن سېستىما ئۈستىدىن مودېل قۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان بىر يۈرۈش بەلگىلەردىن تەركىپ تاپقان ئاممىباپ ئۆلچەمدىن ئىبارەت. ئۇ بىرلىككە كەلگەن ھەرخىل بەلگىلەر ئارقىلىق قۇرغان مودېلىڭىزنى بايان قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما لايىھىلىگۈچىلېرىنىڭ ئورتاق تىلى دىيىشكە بۇلىدۇ.
ئۇنداق بولسا مودېل قۇرۇش دىگەن نىمە؟ مودېلنى نىمىگە ئىشلىتىمىز؟
بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن لايىھىلەشنىڭ تۆت باسقۇچى- دەل بىزنىڭ مودېل قۇرۇش جەريانىمىزدور. دىمەك مودېل قۇرۇش جەريانى- لايىھىلەش جەريانىدىن ئىبارەت. تۈرلەرنى ئابىستىراكىتلاش، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى قۇرۇلما مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەش جەريانىدا سىز UML دىكى «تۈر سېخىمىسى» نى سىزىپ چىقىسىز. تۈرلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەركەتچان مۇناسىۋەتنى بەلگىلەش جەريانىدا سىز ئۇمل دىكى «ۋاقىت تەرتىپى سېخىمىسى» نى سىزىپ چىقىسىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ بۇ مودېلىڭىز ئاساسەن پۈتكەن بۇلىدۇ. ناۋادا سىزنىڭ پىروگىرامما ئېچىش مۇھىتىڭىز UML نى قوللىسا، UML سېخىمىڭىزنى بىۋاستە پىروگىرامما كودىغا ئايلاندۇرالايسىز. ئۇ سىزنىڭ تۈرلېرىڭىزنىڭ قۇرۇلما كودىنى ئاپتوماتىك ھاسىل قىلالايدۇ(چۈنكى سىز بۇ تۈرلەرنىڭ خاسلىق ۋە ئىشلېرىنى ئاللىقاچان بېكىتىپ بولغان). سىزنىڭ كېيىنكى ۋەزىپىڭىز تۈرلەرنىڭ ئىشلېرىنىڭ كونكېرت كودلېرىنى يېزىشتىن ئىبارەت.
دىمەك ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن لايىھىلەشنى كونكېرتلاشتۇرساق، ئۇ UML تىلىدا مودېل قۇرۇش (ياكى سىخىما سىزىش) جەريانىدىن ئىبارەت بۇلىدۇ.
ئەمدى بىر قىسىم تورداشلار «مەن UML سېخىمىسى سىزىشنى ئۇقمىساممۇ ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىرامما تىلى ئارقىلىق ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پىروگىراممىلارنى يېزىپ چىقالايمەنغۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. توغرا، UML سېخمىسى سىزمايمۇ پىروگىرامما يېزىش تامامەن مۇمكىن، ھەتتا كونكېرت لايىھىلەش ئېلىپ بارمايمۇ، كاللىمىزدىكى «لايىھە» بۇيىچە پىروگىرامما يېزىش مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا لايىھىنىڭ يەنە نېمە كېرىكى؟ بۇ سۇئال يەنە بىزنى كونا تىمىغا باشلاپ كىرىدۇ. بۇ سۇئالغا مۇنداق جاۋاپ بئرىش بىلەن ماقالەمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلاشتىم:
لايىھە- يۇمشاق دېتالىنىڭ جېنى. لايىھىسىز يۇمشاق دېتال خۇددى روھسىز تەنگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ھېچقانداق ھاياتى كۈچى بولمايدۇ. لايىھىگە ئەھمىيەت بەرمىگەندە يۇمشاق دېتال چوقۇم «بۆرە ئادەم» گە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇ چاغدا «كۆمۈش ئوق» نى ھېچ يەردىن تاپالمايسىز. شۇڭا لايىھىنىڭ كونكېرت ئەھمىيىتىنى ئۆزىڭىزنىڭ يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت ئەمىليىتىڭىزدىن ئىزدەڭ، شۇندىلا ھەقىقى چۈشەنچىگە ئىگە بۇلالايسىز.
مەنبە : بىلىك مۇنبىرى
سەرۋان ئەپەندى 2006 -يىل يازمىسى

http://qaran.6te.net/?p=112 | قارخان:(permalink) مۇقىم ئۇلانما

مەزكۇر يازما ئاپتورى: admin| ۋاقت:2013-يىل10-ئاينىڭ17-كۈنى| يازما تۈرى:ئۇنىۋېرسال ، سىز باھا يوللىيالايسىز، ھەمدە يازما ئەسلى مەنزىلى ۋە ئاپتورنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭ توربېتى ياكى تۇرايىڭىزغا ھەمقەدەم قىلالايسىز.
ئىجادىي يازمىلارنى ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ: ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن لايىھىلەش – پىروگىرامما | قارخان
ئاچقۇچلۇق سۆز:

باھا يېزىش

تېزلەتمە كونۇپكا:Ctrl+Enter
Free Web Hosting