كۆپ قاتلاملىق پروگرامما لايىھەلەش

 (6)كۆپ قاتلاملىق پروگرامما لايىھەلەش
ئۇچقۇن

ئالدىنقى ماقالىلېرىمىزدا كۆپ قاتلاملىق يۇمشاق دېتال قۇرۇلمسى ھاسىل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتۇق. ئۇنداقتا قانداق قىلىپ بۇ نەزىريىنى ئەمىليەتتە قوللىنىش مۇمكىن؟ بۇ ماقالىدە مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتىمىز.
كۆپ قاتلاملىق يۇمشاق دېتال قۇرۇلمىسى ئىزچىل تۈردە كارخانا دەرىجىلىك قوللانمىلاردىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ كەلدى. شۇڭا كارخانا دەرىجىلىك قوللانمىدا ئىزچىل يېتەكچى ئورۇننى ئىگەللەپ كەلگەنJAVA ساھەسىدە بۇ خىل قۇرۇلمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ نۇرغۇن بىرلىككە كەلگەن مودېللېرى بار. لېكىن تورداشلارنىڭ كۆپۈنچىسى مىكروسوفتنىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بۇ ماقالىمىزدە NET. سۇپىسىنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىمىز.
ھەممىمىزگە مەلوم، كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىنى ئۇمومى جەھەتتىن ئۈچ قاتلامغا يېغىنچاقلاش مۇمكىن، يەنى ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى، كەسپى لوگىكا قەۋىتى ۋە مۇلازىمەت قەۋىتىدىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ قەۋەت ئوتتۇرسىدا روشەن لوگىكىلىق باغلىنىش بار. يەنى مۇلازىمەت قەۋىتى كەسپى لوگىكا قەۋىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ (مەسىلەن، سانلىق مەلوماتلارنى ساقلاش، ھۈججەتلەرنى ساقلاش دىگەندەك). كەسپى لوگىكا قەۋىتى بولسا يۇمشاق دېتال ھەل قىلماقچى بولغان كەسپى مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ (مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار ئارخىپىنى باشقۇرۇش، كەسپى ھېسابات ئېلىپ بېرىش دىگەندەك). ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى بولسا يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكۈچى ئابونتلار بىلەن بىۋاستە ئۇچىرىشىپ، ئابونتتىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىدۇ، ئابونتقا كەسپى لوگىكا قەۋىتى ھاسىل قىلغان ئۇچۇرلارنى يەتكۈزىدۇ. بۇ ئۈچ قەۋەت ئوتتۇرسىدا يەنە بىر كېلىشىم بار. يەنى ئۈستىدىكى قەۋەت ئاستىدىكى قەۋەتنىڭ مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. لېكىن ئاستىدىكى قەۋەت ئۈستىدىكى قەۋەتتىن ھېچقانداق مۇلازىمەت تەلەپ قىلمايدۇ، يەنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئاستىدىن ئۈستىگە تاق يۆنۈلۈشلۈك بۇلىدۇ. مەسىلەن، كەسپى لوگىكا قەۋىتى مۇلازىمەت قەۋىتىدىكى مۇلازىمەتنى قوزغاتسا بۇلىدۇ. بىراق ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتىدىكى مۇلازىمەتلەرنى قوزغىتالمايدۇ. شۇنداق بولغاندا ئەڭ ئاستىدىكى مۇلازىمەت قەۋىتى پەقەتلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەڭ ئۈستۈنكى ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى پەقەت مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بۇلىدۇ، ھېچقانداق مۇلازىمەت بىلەن باشقىلارنى تەمىنلىمەيدۇ.
يۇقارقى قائىدە بويىچە بىر ئاددى يۇمشاق دېتال لايىھىسىنۿمېساٿقىلىپ چۈشەندۈرىمىز.
يۇمشاق دېتال ئېھتىياجى: ئابونتلار ئارخىپىنى كىرگۈزۈش ۋە تور بەتتە كۆرسۈتۈش.
ئېھتىياج ئانالېزى: يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتكۈچى ئابونت ئۆزىنىڭ ئارخىپىنى بېرىلگەن تەلەپلەر بويىچە توشقۇزغاندىن كېيىن، يۇمشاق دېتال بۇ ئارخىپنى ساندان(سانلىق مەلوماتلار ئامبىرى)غا ساقلايدۇ. ئاندىن ئابونتلارنىڭ نامىغا ئاساسەن شۇ ئابونتنىڭ ئارخىپىنى سانداندىن ئىزدەپ تېپىپ، تور بەت شەكلىدە ئېكراندا كۆرسىتىدۇ.
ئۇمومى لايىھە
1. ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى : ASP.NET بېتى، ئارخىپنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىزدەش نەتىجىسىنى ئېكراندا كۆرسۈتۈشكە مەسئول.
2. كەسپى لوگىكا قەۋىتى: C#.NET پىروگىراممىسى، سانداندىن ئوخشاش ئىسىملىك ئابونتنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئوخشاش ئىسىملىك ئابونت بولمىسا ئاندىن نۆۋەتتىكى ئابونت ئارخىپىنى مۇلازىمەت قەۋىتىگە ساندانغا قوشۇشقا بېرىدۇ. بېرىلگەن ئابونت نامىغا ئاساسەن مۇلازىمەت قەۋىتىدىكى مۇلازىمەتلەردىن پايدىلىنىپ شۇ ئابونتنىڭ ئارخىپىنى تېپىپ، ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتىگە يوللاپ بېرىدۇ.
3. مۇلازىمەت قەۋىتى: C#.NET پىروگىراممىسى ۋە ساندان. كەسپى لوگىكا قەۋىتىنى ساندانغا رېكورد قوشۇش ۋە سانداندىن رېكورد ئىزدەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
سانداندىكى جەدىۋەللەر ۋە ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى:……
تەپسىلى لايىھە
1. مۇلازىمەت قەۋىتى:
DbsObject.cs پىروگىراممىسى:
ساندانغا ئۇلۇنۇش، ساندانغا رېكورد قوشۇش (Insert)، سانداندىن رېكورد ئىزدەش (Select) ھادىسىلېرى بار. بۇ ھادىسىلەرنىڭ پارامېتېرلېرى ……..
2. كەسپى لوگىكا قەۋىتى:
OprOperator.cs پىروگىراممىسى:
ئارخىپ كىرگۈزۈش ھادىسىسى (InsertOperator)، ئارخىپ ئىزدەش ھادىسىسى (SelectOperator) دىن ئىبارەت ئىككى ھادىسىسى بار تۈر.
InsertOperator ھادىسىسىدە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ SelectOperator ھادىسىسىنى قوزغۇتۇپ ئوخشاش ئىسىملىك ئابونت بار ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ. يوق بولسا ئاندى DbsObject تۈرىنىڭ Insert ھادىسىسىنى قوزغۇتۇپ ئارخىپنى ساندانغا يازىدۇ. ناۋادا ئوخشاش ئىسىملىك ئابونت بار بولسا خاتالىق ئۇچۇرىنى قايتۇرىدۇ.
SelectOperator ھادىسىسىدە ئابونت نامىغا ئاساسەن DbsObject تۈرىنىڭ Select ھادىسىسىنى قوزغۇتۇپ ئارخىپنى تەكشۈرىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسى (ئابونت ئارخىپى)نى قايتۇرىدۇ.
3. ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى:
Insert.aspx بېتىدە ئابونتلار تولدۇرۇشقا تىگىشلىك ئۇچۇرلار:
ئابونت نامى، جىنسى، كىملىك نومۇرى، توغۇلغان ۋاقتى، ئالاقىلىشىش ئادىرىسى، تېلفۇن نومۇرى…..
ئابونت ”تاپشۇرۇش“ كونۇپكىسىنى باسقاندا OprOperator تۈرىنىڭ InsertOperator ھادىسىسىنى قوزغۇتىدۇ.
View.aspx بېتىدە ئابونت ئارخىپىنى كۆرسەتكەندە ئېكراندا كۆرسىتىلىدىغان ئۇچۇرلار:
نامى، ئالاقىلىشىش ئادىرىسى، تېلىفۇن نومۇرى….
ئابونت تەكشۈرمەكچى بولغان ئابونتنىڭ نامىنى كىرگۈزۈپ ”تاپشۇرۇش“ كونۇپكىسىنى باسقاندا تۈرىنىڭ SelectOperator ھادىسىسىنى قوزغۇتىدۇ. ئاندىن بۇ ھادىسە قايتۇرغان ئۇچۇرنى بەت يۈزىدە كۆرسىتىدۇ.
شۇنداق قېلىپ بۇ لايىھىمىز پۈتتى بۇنى يەكۈنلىسەك:
1. مۇلازىمەت قەۋىتى: DbsObject تۈرىدىن تۈزۈلگەن. كەسپى لوگىكا قەۋىتى ئۈچۈن Insert ۋە Select مۇلازىمەتلېرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
2. كەسپى لوگىكا قەۋىتى: OprOperator تۈرىدىن تۈزۈلگەن. ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى ئۈچۈن InsertOperator ۋە SelectOperator مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
3. ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى: Insert.aspx ۋە View.aspx دىن ئىبارەت ئىككى ASP.NET بېتىدىن تۈزۈلگەن. ئابونت بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا مەسئول.
بۇ مىسالىمىز ئەمىليەتتىكى يۇمشاق دېتال لايىھىسىدىن كۆپ ئاددى. بىراق كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكلېرىنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن. بۇخىل قۇرۇلمىنى NET. تېخنىكىسىنى ئىشلەتمەيمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۈتۈنلەي مۇمكىن. كونكېرت ئۇسولى توغرىسىدا تورداشلار ئېزدىنىپ باقسا بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلساق بۇلىدۇ.
مەنبە : بىلىك مۇنبىرى

http://qaran.6te.net/?p=110 | قارخان:(permalink) مۇقىم ئۇلانما

مەزكۇر يازما ئاپتورى: admin| ۋاقت:2013-يىل10-ئاينىڭ17-كۈنى| يازما تۈرى:ئۇنىۋېرسال ، سىز باھا يوللىيالايسىز، ھەمدە يازما ئەسلى مەنزىلى ۋە ئاپتورنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭ توربېتى ياكى تۇرايىڭىزغا ھەمقەدەم قىلالايسىز.
ئىجادىي يازمىلارنى ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ: كۆپ قاتلاملىق پروگرامما لايىھەلەش | قارخان
ئاچقۇچلۇق سۆز:

باھا يېزىش

تېزلەتمە كونۇپكا:Ctrl+Enter
Free Web Hosting