… ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

下载 (1)
پىروگراممېر بولۇش مەلۇم بىر تىلنى بىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ھەتتا، پىروگرامما تىلى بىلمەيمۇ ياخشى پىروگراممېر بولغىلى بولىۋېرىدۇ. پىروگرامما سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسى تەرتىپ، يەنى مەلۇم بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىكى پائالىيەت تەرتىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىروگرامما تىلى بولسا، ئاشۇ پائالىيەت تەرتىپىنى كونكرېت ئورۇنلاش ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان بىرقاتار ئىنگلىزچە بۇيرۇق-كودلار بولۇپ، سىزنىڭ پائالىيەت تەرتىپىڭىز ياخشى بولمىسا، ئۇنى بۇيرۇق-كودلار بىلەن تەسۋىرلەپ چىققىلى بولمايدۇ ياكى تەسۋىرلەپ يېزىپ چىققان تەغدىردىمۇ، پائالىيەت تەرتىپىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن بەرىبىر مەقسەت ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ، پائالىيەت تەرتىپى ياخشى بولغان تەغدىردىمۇ، بىر ئادەمنىڭ قىلالايدىغىنى ھامان چەكلىك، بىر ئىشچى بىر بىنانى پۈتتۈرۈپ بولالمىغاندەك، بىر مۇكەممەل ئىمارەتنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا ئىنژېنېردىن تارتىپ تاكى تامچى، سىرچىغا قەدەر ھەرخىل كەسىپتىكى كىشىلەر كېرەك بولغىنىدەك، بىر مۇكەممەل يۇمشاق دېتالنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانىغىمۇ نەچچە خىل پىروگرامما تىلى ۋەياكى ئوخشىمىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر كېرەك بولىدۇ. بىر ئادەم پۈتكۈل پائالىيەت تەرتىپىنى ئۆزى ئورۇنلىيالىشى ناتايىن، ئەمما، پۈتكۈل پائالىيەت تەرتىپىنى لايىھىلەپ چىقالىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن…. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
كومپيۇتېرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە بولغان تەرەققىيات جەريانىدىكى قوللىنىلغان قاتتىق دېتال تېخنىكىلىرى، يۇمشاق دېتال تېخنىكىلىرى توغرىلىق نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى بىر قۇر كۆرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن، كومپيۇتېر ئاتالغۇسىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىگە يېتىشى كېرەك، كومپيۇتېر بىز ئىزدىنىش مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىدىغان ئاددىي شەخسلەر كومپيۇتېرىنىلا كۆرسەتمەيدۇ، دۇنيادا نۇرغۇن تۈردىكى كومپيۇتېرلار بار، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى 0 بىلەن 1 دىن ئىبارەت ئىككىلىك ساناق سىستېمىسى ھېسابلاشتىن ئىبارەت بۇ قانۇنىيەتتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا، ئۇكىڭىز ئالدى بىلەن ئاشۇ ساناق سىستېمىسىدىن تارتىپ، كومپيۇتېرنىڭ تۈزۈلۈش پىرىنسىپى، پىروگرامما تىلى تەرجىمە پىرىنسىپى، مەشغۇلات سىستېمىسى پىرىنسىپى ۋە بۇ پەنلەرنى ئۆگىنىشتە ئەڭ زۆرۈر بولغان ماتېماتىكا پېنىنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى (مەسىلەن ئالگىبرا، دىسكرېت ئالگىبرا، ئالىي ماتىماتىكا، سانلار نەزەرىيىسى ۋە ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى… دېگەندەك)نى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى پىرىنسىپى….. قاتارلىق يەنە بىرقاتار مۇھىم پەنلەر بار، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى كام دېگەندىمۇ بىرەر قۇر ئالدىدىن ئۆتكۈزمىسە، ئاخىرىدا چوڭ يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىدىن خىزمەت تېپىش ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ.

يۇقىرىقى پەنلەر ئاساسەن ئالىي مەكتەپنىڭ كومپيۇتېرغا ئالاقىدار كەسىپلىرىدە دەرسلىك قىلىپ تۇرغۇزۇلغان، ئەمما، ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار بۇ پەنلەرنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنمەي، نېمىشقا بىزگە Flash ئۆتمەيدۇ؟ نېمىشقا بىزگە Photoshop ئۆگەتمەيدۇ؟….. بىزگە نېمىشقا ئويۇن لايىھىلەشنى ئۆگەتمەيدۇ؟….. دېگەندەك ئاددىي ئويلار بىلەن ئالىي مەكتەپ كەسىپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىنكار قىلىپ، ئاقىۋەتتە مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىنتايىن تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دىيارىمىزدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ كومپيۇتېرغا ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن ھېچقانچە تېخنىكا كەتمەيدۇ، كاللىسى ئوچۇق بولسىلا بىرەر كۇرسانت ئورۇنلىرىدا ياكى شۇ خىزمەت ئورنىنىڭ بىرنەچچە ئايلىق تېخنىكا تەربىيىلەش قارارلىرىدا ئوقۇسىلا، شۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىن چىقىپ كېتەلەيدۇ. ئەمما، مەخسۇس پىروگراممېرلار ئىشلەيدىغان خىزمەتنىڭ سەۋىيەسىگە يېتىش بىر-ئىككى كۇرسانت ئورۇنلىرىدا ئوقۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس.

ئىلگىرى مەن پىروگراممېر بولۇش، يەنى يۇمشاق دېتال تۈزگۈچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم باشقىلار تۈزگەن يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك، دەپ قارايتىم. كېيىن چۈشەندىمكى، ماشىنا ياساش ئۈچۈن چوقۇم باشقىلار ياساپ باققان ماشىنىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشنىڭ ئانچە چوڭ ئەھمىيىتى يوقكەن، چۈنكى، ماشىنا ياساپ باققان ھەرقانداق ئادەمنىڭ باشقىلار ياسىغان ماشىنىنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش تارىخى بار دېيىلسە، ئۇنداقتا تۇنجى ماشىنىنى ياسىغان كىشى مەۋجۇد بولماي قالىدۇ. پىروگرامما لايىھىلەشى بىر ئىجادىي خىزمەت دېيىشكە بولىدۇ. ئىجادىي خىزمەت بولغانىكەن، چوقۇم باشقىلار ماڭغان يولدا مېڭىش ھاجەتسىز. ئەگەر بىز پىروگرامما لايىھىلەشتىن بۇرۇن قايسى تۈردىكى يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشكە پىششىق بولساق، بەلكىم پىروگرامما لايىھىلىگەندە ئاشۇ ئۆزىمىز پىششىق بولغان يۇمشاق دېتالنىڭ لايىھە ئەندىزىسى چەمبىرىكىدىن ھالقىپ چىقىپ كېتىشىمىز تەسكە توختايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يېڭىلىق يارىتىشمۇ تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ.
بۇنداق دېگەنلىك، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ يۇمشاق دېتالىنى ئۆگىنىپ يۈرمەڭ دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما بۇنى پىروگرامما لايىھىلەشنى ئۆگىنىشنىڭ بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان يولى قىلىۋېلىش ھاجەتسىز دېمەكچىمەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ياخشى پىروگراممېر بولۇش ئۈچۈن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ھەرقايسى پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىشتىن سىرت، يەنە دۇنياغا داڭلىق يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىنىڭ خىزمەت قائىدىسى، چوڭ يۇمشاق دېتاللارنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانى توغرىلىق كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈپ بەرسە، شۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ قايسى خىزمەت ھالقىسىغا باب كېلىدىغانلىقىنى، ئۆگىنىۋاتقان بىلىملىرىنىڭ قايسى جايغا ئەسقاتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۆز غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن يەنە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئاستا-ئاستا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالالايدۇ.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قايسى بىلىمنىڭ ۋاقتى ئۆتىدۇ، قايسى بىلىمنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ….. بۇلارنى ئېنىق ئايرىۋېلىش كېرەك. بۇنداق دېگەنلىك ۋاقتى ئۆتىدىغان بىلىملەرنى ئۆگەنمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىنىڭ گىرامماتىكىسىنى ئىگىلەشكە بىرنەچچە ھەپتە ياكى ئېشىپ كەتسە بىرەر ئاي ۋاقىت كۇپايە قىلىدۇ. ئەمما، توپلاشتۇرۇلغان ئېچىش مۇھىتى ھېسابلىنىدىغان، چوڭ تىپتىكى پىروگرامما لايىھىلەش تىللىرىنى مۇكەممەل ئۆگىنىش مېنىڭچە بىر ئادەم قىلىپ بولالايدىغان ئىش ئەمەس. مەسىلەن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ توپلاشتۇرۇلغان ئېچىش مۇھىتى بولغان Visual Studio نى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭدا نەچچە مىڭلىغان «تۈر» ئۇقۇملىرى بار، بۇلارنىڭ سانى مۇقىم ئەمەس بولۇپ، پىروگراممېرلار يەنە ئۆزىگە لازىملىق «تۈر» لەرنى توختىماستىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ، بەزى مۇھىمراق «تۈر»دىن بىرنى لايىھىلەشكىمۇ نەچچە يۈز ئادەم نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىدۇ، ئۇنداقتا، نەچچە مىڭ پىروگراممېر نۇرغۇن يىللارنى سەرپ قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈۋاتقان بۇ «تۈر»لەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىۋالىمەن دېيىش بىر ئاخمىقانە خىيال. چۈنكى سىز نەچچە سائەت ياكى نەچچە كۈن سەرپ قىلىپ ئۆگەنگەن مەلۇم بىر «تۈر»نىڭ تېخنىكىسىنى بەلكىم بىر ئۆمۈر ئىشلەتمەسلىكىڭىز مۇمكىن. نەچچە مىڭ «تۈر»نىڭ ئىچىدە قايسىلىرى سىزنىڭ كەلگۈسىڭىزدە لازىم بولىدۇ بۇنىڭغىمۇ بىرنىمە دېگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئالتۇندەك ۋاقىتنى بۇلارغا سەرپ قىلسىڭىز، نەچچە يىل ئۆتۈپلا تېخىمۇ ئاددىي ۋەياكى ئوخشىمايدىغان پىروگرامما لايىھىلەش ئۇسۇلى چىقىپ قالسا، سىزنىڭ ئۆگەنگەنلىرىڭىزنىڭ پايدىسى بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، يەنە بىرمۇنچە ۋاقىت چىقىرىپ يېڭى چىققان تىلنى ئۆگىنىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ.

ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بىلىم دېگىنىمىز يۇقىرىقى ماتىماتىكىغا ئائىت پەنلەر بىلەن ئىككىلىك ساناق سىستېمىسىدىكى ئۇقۇملار ۋە ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما لايىھىلەش ئۇقۇملىرى ۋە شۇنداقلا، كەلگۈسىدە ئۆزگىرىپ كەتسىمۇ، ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئۆزگىرىشى ئانچە چوڭ بولمايدىغان تىل ++C نى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك. Java نى ئۆگەنسىمۇ مەيلى، ئەمما، كەسىپ ئەھلى بولىمەن دېسە يەنىلا ++C ۋە شۇنىڭدەك ئاساسى پۇختا بولغان تىللارنى ئۆگەنسە بولىدۇ. مۇشۇ تىلنى ئۆگىنىش جەريانىدىلا ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلارنى بايان قىلىشقا توغرا كەلسە، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ماتېماتىكا بىلىملىرى ۋە قاتتىق دېتال، مەشغۇلات سىستېمىسى پىرىنسىپى… قاتارلىق ئۇقۇملار تەبىئىيلا ئېغىزغا چىقىدۇ. دېمەك، ئالدى بىلەن تىل ئۆگىنىپ ئاندىن نېمىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ قايتىدىن كەلگەندىن كۆرە، ھازىرلا ئاشۇ ئاساسلارنى تىكلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن مەخسۇس تىل ئۆگىنىشكە باشلىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، ئۆگىنىش جەريانىدىكى زۆرۈر بولغان مەشىق-تەجرىبىلەرنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئىچ-پۇشقىنى چىقىرىش ئۈچۈن مەيلى قايسى تىل بولسۇن، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىنى يانداش ئۆگىنىپ ماڭسا بولىدۇ، بۇنىڭغا مەيلى ئاسان ياكى قىيىن بولسۇن، قايسى تىلغا قىزىقسا شۇ كۇپايە.

پۇل بولسا ئىنگلىز تىلىنى پۇختا ئۆگىنىپ، ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەل قىلىپ چەتئەلدە، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلسۇن، ئۇلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىن زور دەرىجىدە ياخشى، بىزلەر بىرەر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ چۈشىنەلمىگەن مەلۇم قىيىن نۇقتىلارنى ئەگەر ياخشى بىر ئېنژىنېر ياكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئىلغار بولغان ياخشى پىروفېسسور بولسا نەچچە مىنۇت ياكى نەچچە سائەتتىلا كاللىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك چۈشەندۈرۈپ قويالايدۇ. شۇڭا، مەكتەپنىڭمۇ ياخشى-ناچارلىرىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى كۇرس يەنىلا ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت.
مەنبە : بىلىك مۇنبىرى

http://qaran.6te.net/?p=114 | قارخان:(permalink) مۇقىم ئۇلانما

مەزكۇر يازما ئاپتورى: admin| ۋاقت:2013-يىل10-ئاينىڭ17-كۈنى| يازما تۈرى:ئۇنىۋېرسال ، سىز باھا يوللىيالايسىز، ھەمدە يازما ئەسلى مەنزىلى ۋە ئاپتورنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭ توربېتى ياكى تۇرايىڭىزغا ھەمقەدەم قىلالايسىز.
ئىجادىي يازمىلارنى ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ: … ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ | قارخان

باھا يېزىش

تېزلەتمە كونۇپكا:Ctrl+Enter
Free Web Hosting