Microsoft شىركىتىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئويۇن ئويناش ماشىنىسى Xbox360 توغرىسىدا چۈشەنچە

Xbox360 دېگەن مەخسۇس ئويۇن ماشىنىسى. بۇ پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق  كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى گىگانىت چولپانMicrosoft شىركىتىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئويۇن ئويناش ماشىنىسى. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتدارى ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش. 2010-يىلى6 ئاينىڭ 14-كۈنى مىكروسوفىت(Kinect(体感器 نى ئېلان قىلىپ ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئويۇن ماشىنسى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە ئادەم ياقتۇردىغان مەھسۇلاتقا ئايلاندى.

676705347_36213360

2012-يىلى 10-ئايدا Xbox360 نىڭ پۈتۈن دۇنيادا يىللىق سېتىلىشى مىقدارى  700 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. Kinect بولسا Xbox360 كە سەپلەيدىغان ئايرىم ئۈسكۈنە. باھاسى 800 سوم ئەتىراپىدا، ئالاھىلدىلىكى بەدىنىڭىز بىلەن ھەرىكەت قىلىپ ئويۇندىكى پىرسوناژلارنى باشقۇرىسىز، قولىڭىزغا بىرەر نەرسە تۇتىشىڭىزنىڭ، بەدىنىڭىزگە بىرەر ئۈسكۈنە كىيىشىڭىزنىڭ ياكى تاقىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئويۇننىڭ پۈتۈن جەريانىنى قول-پۇت بەدەن ئارقىلىق كونترول قىلىدىغان بولغاچقا ئۆزىڭىز سەزمىگەن ھالدا بەدىنىڭىزدىن تەر چىقىپ چېنىقىپ قالىسىز. ھە راست، مۇشىتلىشىدىغان ئويۇن ئويناپ قالسىڭىز دىققەت قىلىپ ئويناسىز، بەك ھاياجانلىنىپ كىتىپ ئەتراپىڭىزدىكى كۆرۈپ ئولتۇرغانلارنى ئۇرۇپ تاشلىماڭ.

kinect-family-fun-e1321884127372

ھازىر بازارلاردا 500 گېگابايىتلىق، 750 گېگابايىتلىق، 1000 گېگابايىتلىق قاتارلىق قاتتىق دىسكىلىق نۇسخىلىرى بار.سېتىۋالسىڭىز لىق ئويۇن قاچىلاپ بېرىدۇ. Xbox360 قا نۇر دېسكا سېلىپ قاچىلىماي بىۋاستە ئوقۇتۇپ ئويۇن ئوينىغىلى ھەم قاتتىق دېسكىغا كۆچۈرۋېلىپ ئويۇن ئوينىغىلى بولىدۇ. Xbox360 نى تورغا ئۇلاپ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياكى ئۆز ئارا رىقابەتلىشىپ  ئوينىغىلى بولىدۇ. Xbox360 نىڭ ئۆزىدىن تورغا چىقىپ ھەقسىز ئويۇن چۈشۈرگىلى بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە: Xbox360 نىڭ يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسى ياكى يېشىۋېتىلمىگەن نۇسخىسى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. بۇ نى خەنچە 破解版 未破解版 دەپ ئاتايدۇ. بۇ خۇددى iPhone نى تۇرمىدىن قاچۇرغانغا، Android نىڭ Root ھوقۇقىنى ئالغانغا ئوخشايدۇ. يېشىۋېتىلمىگەن نۇسقىسى 未破解版 نى پەقەت ھەقىقي نەشىردىكى ئويۇن پىلاستىنكا سېتىۋىلىپ ئوينايسىز، ئوغرى نەشىرىنى ئوينىغىلى بولمايدۇ. لىكىن ئارتۇقچىلىقى، تورغا ئۇلاپ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ياكى ئۆز ئارا رىقابەتلىشىپ  ئوينىغىلى بولىدۇ. ھەقىقي نەشىردىكى ئويۇن پىلاستىنكىسىنىڭ باھاسى 200ياكى 250 سوم ئەتىراپىدا، 350 سوملۇق ئويۇنلارمۇ بار.

تۆۋەندە Xbox360 نىڭ يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىمۇ 2 خىل. بۇنداق دېسەم بەك مۇرەككەپ ئويلاپ كەتمەڭ. بەك ئاسان.

1.ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ  يەنى 光驱 يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسى

بۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بازاردىن ياكى توردىن 5 سوم ياكى 3 سومغا ئوغرى نەشىردىكى ئويۇن پىلاستىنكىسىنى سېتىۋىلىپ ئوينىيالايسىز. بىر پىلاستىنكىدىكى ئويۇننىڭ سىغىمى 7-8 گېگابايىت كېلىدۇ. ئوپتىك دىسكا ئوقۇغۇچ  يەنى 光驱 يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىدا قاتتىق دېسكىغا ئويۇن كۆچۈرۈپ ئوينىغىلى بولمايدۇ. ئويناش ئۈچۈن يەنە بىر 破解 قىلىش جەريانى كېتىدۇ. كومپىيۇتېر بىلىمىڭىز نورمال بولسا توردىن ئىزدەنسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ قىلالايسىز.

2.قوش تەرەپلىك يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسى

بۇنى خەنچە 双破解版 دەپ ئاتايدۇ. ھەقىچان ئاخىرىنى پەرەز قىلىپ بولدىڭىز، بۇ نۇسقىسىدا ھەم ئەرزان ئويۇن پىلاستىنكىسىنى ئوينىغىلى ھەم قاتتىق دېسكىغا كۆچۈرۋىلىپ ئوينىغىلى ھەم توردىن ئويۇن چۈشۈرۈپ ئوينىغىلى بولىدۇ.

ئەسكەرتىش :单破解版 ياكى 双破解版 نۇسخىسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يېشىۋېتىلگەن نۇسخىسىنى تورغا ئۇلاشقا  بولمايدۇ، ئەگەردە ئۇلاپ سالسىڭىز مەشغۇلات سېستىمىسىنى توردىن ئاپتوماتىك يېڭىلاپ ئۇيۇن ماشىنىڭىزنى ھەقىقىي نەشىردىكى پىلاستىنكىدىن باشقا پىلاستىنكىنى ئوينىغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. ھەتتا قاتتىق دېسكىدىكى ئويۇنلارنىمۇ ئوينىيالمايسىز، بىر مۇنچە ئاۋارچىلىق بولىدۇ. شۇڭا ھەرگىز تورغا ئۇلىماڭ، Xbox360 نىڭ WIFI ئىقتىدارىنىمۇ ئاچماڭ. باھاغا كەلسەك،  يېشىلمىگەن نۇسخىسى ئەرزانراق، 1600 سوم ئەتراپىدا، يېشىۋېتىلگەن نۇسقىسى 2000 سوم ئەتىراپىدا. Kinect قوشۇلغان قوش تەرەپلىك يېشىۋىتىلگەن 750 گېگابايىتلىق نۇسقسى 3000 سوم ئەتىراپىدا.
ئەگەر سىز ھەقىقى ئويۇن مەستانىسى بولسىڭىز، كومپىيۇتېردا ئويۇن ئوينايمەن دەپ ئاۋارە بولغىچە Xbox360 سېتىۋالغىنىڭىز تۈزۈك. چۈنكى Xbox360 تا ئويۇن قېتىۋالىدىغان ئويۇننى سۆرىيەلمەيدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس، Xbox360 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە سۈزۈكلىكى كومپىيوتېردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن. Xbox360 نىڭ ئويۇن ئويناش ئىقتىدارى 20 مىڭ سوملۇق كومپىيوتېردىنمۇ يۇقىرى تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ دىگەن مەخسۇس ئويۇن ئويناش ئۈچۈن لايىھەلەپ ياسالغان.
ئويۇننىڭ تۈرىگە كەلسەك، Xbox360 نىڭ ئويۇنىنىڭ كۆپلىگىدىن بېشىڭىز قېيىپ كىتىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر ئويۇن شىركىتى ئالدى بىلەن ئويۇن ماشىنىلىرى ئۈچۈن ئويۇن ياسايدۇ، كىيىنچە PC نۇسخىسىنى چىقىرىدۇ. كۆپىنچە ئويۇنلارنىڭ PC نۇسخىسى چىقمايدۇ. چۈنكى PC نۇسقىدىكى ئويۇنلارنى يېشىۋىتىش بەك ئوڭاي بولۇپ كەتتى، ئەتىگىنى ئېلان قىلسا كەچتە 破解 نۇسخىسى تورغا چىقىپ بولغان. يەنە كېلىپ PC نىڭ رەسمىي نەشىردىكى ئويۇنلارنىڭ سېتىلىشى ياخشى ئەمەس، باساسىمۇ ئەرزان. مەسىلەن 使命召唤10 نىڭ Xbox360 رەسمىي نەشىرى 330 يۈەن بولسا، PC  رەسمىي نەشىرىنىڭ باھاسى 150 يۈەن ئەتىراپىدا. يەنە كىلىپ PC رەسمىي نەشىرىنى ئالىدىغانلارمۇ ئاز. Xbox360 تا ئويۇن ئويناپ كۆنۈپ قالسىڭىز ئېسىت!ئاۋارە بولۇپ PC دىمۇ ئويۇن ئويناپ يۈرۈپتىمەن دەپ قالىسىز.
ئەمدى تۆۋەنىدىكى سىنى كۆرۈپ بېقىڭ.بۇ ئويۇنلارنىڭ ھېچقايسىنى كومپىيۇتېردا ئوينىغىلى بولمايدۇ. بۇلارنى كۆرسىڭىز Xbox360 نىڭ ھەقىقەتەن نوچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

http://qaran.6te.net/?p=28 | قارخان:(permalink) مۇقىم ئۇلانما

مەزكۇر يازما ئاپتورى: admin| ۋاقت:2013-يىل09-ئاينىڭ02-كۈنى| يازما تۈرى:ئۇنىۋېرسال ، سىز باھا يوللىيالايسىز، ھەمدە يازما ئەسلى مەنزىلى ۋە ئاپتورنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭ توربېتى ياكى تۇرايىڭىزغا ھەمقەدەم قىلالايسىز.
ئىجادىي يازمىلارنى ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ: Microsoft شىركىتىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد ئويۇن ئويناش ماشىنىسى Xbox360 توغرىسىدا چۈشەنچە | قارخان

باھا يېزىش

تېزلەتمە كونۇپكا:Ctrl+Enter
Free Web Hosting