كىنونى مۇنداق كۆرسىىز ئاندىن رەززىتىنى ئالىسىز!

كىنو-فىلىم كۆرۈش بارا-بارا كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان ئاساسلىق پائالىيەتكە ئايلىنىپ قالدى. مۇھەببەت فىلىمى كىشىلەرگە چەكسىز بەختلىك ۋە ياكى خىياللارنى ئېلىپ كەلسە، كومېدىيىلىك فىلىم ئادەمگە تۈگىمەس كۈلكە ئېلىپ كېلىدۇ. ھەتتاكى پات ئارىدا چىقىدىغان قىسىملىق كىنولارمۇ زېرىكىشلىك تۇرمىشىڭىزغا كۈتۈش ۋە نىشان ئېلىپ كېلىدۇ! ھا ھا …
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ياخشى بىر كىنو سىزنىڭ تۇرمىشىڭىزغا ۋە ئادىمىيلىكىڭىزگە تۇيدۇرماي تەسىر قىلالايدۇ.
مانا مۇشۇنداق بىر خاسىيەتلىك پائالىيەتنى سىز قانداقمۇ چاپاق ھەم ئاستا ھالەتتە ئېلىپ بېرىشقا قولىڭىز بارىدۇ؟! تۆۋەندە مەن سۈزۈك ھەم ياخشى بولغان كىنودىن قانداق ھۇزۇر ئالىدىغىنىمنى سۆزلەپ ئۆتەي، ئەلۋەتتە كىنونىڭ ھۇزۇرىنى كىنوخانىدا سۈرگۈلۈك، بىراق بۇ شارائىتلار يوق بولۇپ، توردىكى نەشرىنىڭ چىقىشىنى كۈتۈشنى خالىسىڭىز ماڭا ئەگىشىڭ!

1. Youku غا كىرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ!
خاندانلىقنىڭ فىلىم توربېكەتلىرى ھەرگىزمۇ كېنو كۆرىدىغان سورۇن ئەمەس، چاپاقلىقى ۋە ناچارلىقىنى دېمەيلا قوياي، Youtube قا سېلىشتۇرىدىغان ئىش بولسا ئۇلارنى ئادەتتىكى سىن كۆرىدىغان جايمۇ ئەمەس دېيەلەيمەن!

2. Baidu دىن كىنو ئىزدەش خۇددى چاتقاللىققا كىرگەندەك ئىش
بەزى كىشىلەر كىنو كۆرمەكچى بولسا ئاچا ئاچمايلا بەيدۇلايدۇ، تېخى ئېرىنمەستىن 视频 دېگەننى بېسىپ باقىدىغان دوسلرىمىزمۇ بار، شۇنى ئەسكەرتەيكى بۇنداق ئىزدىگىنىڭىز خۇددى چاتقاللىققا كىرگەندەكلا ئىش، ئىزدەش نەتىجىلىرى قىپقىزىل، خۇددى تاسسىدە باسسىڭىزلا كىنو كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدىغاندەك قىپ تۇرىدۇ، بىراق ئىشلا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئېزىپ تېزىپ شۇنداقلا بېسىپ سالىسىز، نېمىلەرنى چۈشۈرۈپ ئاندىن كۆر دەيدۇ، نېمىلەرنى بېسىپ ئاندىن قوي دەيدۇ، بۇنى شۇ چاغدا كۆرىسىز ….

3. نادانلىق قىلماڭ، يېڭى قويۇلغان كىنو توردا بولمايدۇ
كىملەردۇر بىرەرسىنىڭ بۈگۈن كىنوخانىدا پالانى يېڭى كىنونى كۆردۈم دېگىنىنى ئاڭلاپ شاپاشلاپ ئىزدىگىلى تۇرماڭ، يېڭى چىققان كىنو ئاز دېگەندە 3 ئايدىن كېيىن ئاندىن تورغا سۈزۈك نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بېلەت كىرىمى ياخشى بولغان كىنولارنىڭ ۋاقتى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق! شۇڭا ياكى بۇلغا چىداپ كىنوخانىدا كۆرۈپ ۋەياكى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاپ.

5.ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ 枪版 دىن يىراق تۇرۇڭ!
بايا دېيىلگەندەك يېڭى قويۇلغان كىنو توردا بولمايدۇ، بىراق 枪版 يەنى كىنوخانىغا كامېرادىن بىرنى تىكلەپ قويۇپلا شۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ئېلان قىلىدىغان كىنولار ئەگىشىپلا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنداق كىنونى كۆرۈش خۇددى خەق چايناپ بەرگەن ناننى يېگەندەكلا ئىش، ئاز تولا نان تەمى بولسىمۇ بىراق كۆپىنچىسى تۈكۈرۈك.

6.باھاغا ئىشەنمە، باھاسىز يۈرمە!
باھا كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولغان كىنولار ناچار كىنو بولىشى ناتايىن دېگەنگە مەن تازا ئىشىنىپ كەتمەيمەن، ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئېيتىلغان باھا كۆرسەتكۈچى بولسا IMDb، 豆瓣 دېگەندەك نوپۇزلۇق كۆرسەتكۈچلەر، لېكىن مەن يۇقىرى باھالىقكەن دەپ كۆرگەن كىنولىرىم ھەممىسى مېنىڭ نەزىرىمدىكى ياخشى كىنو بوپ كەتكىنى يوق، شۇڭا باھاغا ئىشەنمە، باھاسىز يۈرمە دېيىشىم، كىنونىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىنى پەرق ئېتەلمىگەن چېغىڭىزدا باھا كۆرسەتكۈچى سىزگە ئاز تولا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ! لېكىن مۇتلەق ئەمەس …

7. جۈرئەتلىك بولۇپ، كونا كلاسسىك كىنولاردىن قۇرۇق قالماڭ!
مەنمۇ ئىلگىرى كىنو كۆرگەندە ئىشلەنگەن ۋاقىتنى بەك زىۋەيلەيتىم، 60، 70، 80، 90 نىڭ كىنولىرنى بىردەك كۆزۈمدىن ساقىت قىلاتتىم، بىراق 1994-يىللاردىكى كىنولار مېنىڭ بۇ قارىشىمنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، بەلكىم ھەممىڭلار ھېس قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن 1994-يىلى چىققان كلاسسىك كىنولار بەكلا كۆپ، ئەگەر شۇ يىلىدىكى كىنولار ھەممىسى بىر يىلدىن ئاتلىتىپ ئېلان قىلىنغان بولسا ئىشىنىمەنكى ھەممىسى شۇ يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولاتتى، كلاسسىك ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدۇ، شۇڭا جۈرئەتلىك بولۇپ كونا كلاسسىك كىنولاردىن قۇرۇق قالماڭ.

8. قۇلىقىڭىزغا ۋاي! خەنچە ئاۋاز بېرىلگەن كىنودىن يىراق تۇرۇڭ!
ئاۋاز بېرىلگەن كىنولاردا چىنلىق يوق، رېژىسسور نەچچە يىل قان تەرىنى سەرپ قىلىپ شەخس ۋە بېرىلىدىغان ئاۋازلار ئۈستىدە ئويلىنىدۇ، ئاندىن سىز قوپۇپ خەنچە ئاۋاز بېرىلگەن كىنونى كۆرىسىز دەڭ … ئاۋاز بېرىلگەن كىنولار بارا-بارا ئېقىمدىن يوقىماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسسىگىنى بولسا خەتلىك فىلىم، ئىشىنىمەنكى خەتلىك فىلىم بۇندىن كىيىنكى فىلىمنىڭ ئېقىمى بولۇپ قالىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئامال بار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر يوق بولسا ھىچ بولمىغاندا خەنچە ۋە ئىنگىلىزچە قوش خەتلىك فىلىمنى كۆرۈڭ!

خوش… دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتۈم، ئەمىسە رەسمىي قەدەم باسقۇچقا ئۆتەيلى!
ئەگەر قايسى كىنونى كۆرۈشنى بىلمەي تۇرۇپ كىنو كۆرمەكچى بولسىڭىز سىزگە 电影FM ۋە 今晚看啥 ناملىق بۇ ئىككى بېكەتنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ ئىككى بېكەت سىزگە ياخشى كىنولارنى تەۋسىيە قىلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ. IMDb، 豆瓣كۆرسەتكۈچىگە شۇنداقلا بىر قارايسىز، قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى شۇنداقلا ئوقۇيسىز، ئاندىن ئىسمىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋېلىپ人人影视 غا كىرىسىز، ئاندىن ئېسىڭىزدە تۇتىۋالغان كىنو نامىنى ئىزدەش رامكىسىغا كىرگۈزۈپلا ئىزدىسىڭىز كىنورىڭىز نامايان بولىدۇ، ئەگەر ۋاقتىڭىز ئېشىپ تېشىپ تۇرغان بولسا چۈشۈرۈپ بولۇپ ئاندىن كۆرسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بىر تەرەپتىن چۈشۈرگەچ بىر تەرەپتىن كۆرەتتىم دېسىڭىز سىز ئۈچۈن 百度影音 نى تەۋسىيە قىلىمەن. تەپسىلىي مەشغۇلات تۆۋەندىكىچە :

1-2 مىنوت ساقلاپ تۇرسىڭىزلا، سۈپسۈزۈك كىنو ئېكرانىڭىزدا نامايەن بولىدۇ!
ئەگەر كىنونىڭ خېتى يوق بولسا سىزگە يەنىلا 人人影视 نىڭ تەرجىمە خېتىنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى 人人影视نىڭ تەرجىمىللىرى سۈپەتلىك ھەم تەجرىبىسى مول. يەنە كىچىككىنە ئەسكەرتىش، ئەگەر كۆرمەكچى بولغان كىنو 人人影视دىن تېپىلمىسا 电影FM نىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن چۈشۈرۈش ئۇلانمىلىرىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، بىراق 95% كىنونىڭ ھەممىنى تاپالايسىز! كۆپ ئەندىشە قىلماڭ!
قېنى ئەمىسە، كىنورىڭزىدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئېلىڭ!

http://qaran.6te.net/?p=9 | قارخان:(permalink) مۇقىم ئۇلانما

مەزكۇر يازما ئاپتورى: admin| ۋاقت:2013-يىل01-ئاينىڭ31-كۈنى| يازما تۈرى:ئۇنىۋېرسال ، سىز باھا يوللىيالايسىز، ھەمدە يازما ئەسلى مەنزىلى ۋە ئاپتورنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭ توربېتى ياكى تۇرايىڭىزغا ھەمقەدەم قىلالايسىز.
ئىجادىي يازمىلارنى ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ: كىنونى مۇنداق كۆرسىىز ئاندىن رەززىتىنى ئالىسىز! | قارخان

باھا يېزىش

تېزلەتمە كونۇپكا:Ctrl+Enter
Free Web Hosting