يۇمشاق دىتال قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىياتى

软件架构0(1)
يۇمشاق دىتال قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىياتى

ئۇچقۇن

يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مەيلى ئۇنىڭ ئىشلەش مۇھىتى، ئېچىش ئۇسولى ۋە ياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بايقىيالايمىز.ئەڭ دەسلەپكى ئاسسامبېل تىلىدىكى پىروگىراممىلاردىن ھازىرقى كۆپ خىل مۇھىتقا ماس كېلىدىغان مۇلازىمىتېر ۋە ئابونت تەرەپ پىروگىراممىلېرىغىچە، جەريانغا يۈزلەنگەن پىروگىراممىلاردىن ھازىرقى مۇلازىمەتكە يۈزلەنگەن پىروگىراممىلارغىچە بولغان ھەر-بىر قېتىملىق ئۆزگۈرۈش يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشچانلىقى ئۈچۈ زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يۇمشاق دېتال قۇرۇلمىسى جەھەتتىكى تەرەققىيات بىزنىڭ ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك مۇھىم تەتقىقات تىمىلېرىمىزنىڭ بىرى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
يۇمشاق دېتال قۇرۇلمىسى دىگەن زادى نىمە؟
بۇنۇڭغا مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلگەن: يۇمشاق دېتالنىڭ قۇرۇلمىسى دىگىنىمىز يۇمشاق دېتالنىڭ ئىچكى تۈزۈلىشى، يەنى ئۇنى ھاسىل قىلغۇچى مۇستەققىل بۆلەكلەرنىڭ خاسلىقى ۋە ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
ئۇنداقتا ئۇنىڭ قانداق رولى ۋە ئەھمىيتى بار؟ بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن مۇنداق بىر ھېكايىنى بايان قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
1. قۇرۇلمىنىڭ قۇربانى: VASA ناملىق كىمە
17-ئەسىرنىڭ 20-يىللېرى شىۋىتسىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتىلايدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى شىۋىتسىيە پادىشاھى Gustavs Adolphus ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ تېچلىقنى تېزراق قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن گوللاندىيىلىك داڭلىق كىمە لايىھىلىگۈچى Henrik Hybortsson غا بىر تەڭداشسىز ئۇرۇش كىمىسى لايىھىلەشنى ھاۋالە قىلىدۇ. Hybortssonتەكلىپكە بىنائەن 70 مېتېر ئۇزۇنلۇقتىكى، 300 نەچچە ئادەم سېغىدىغان، ئاستىن-ئۈستۈن ئىككى قەۋەت توپ سۇپىسىغا 64 دانە ئېغىر تىپتىكى توپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۇنيادا تەڭداشسىز VASA ناملىق ئۇرۇش كىمىسىنى ياساپ پۈتتۈرىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ «تەڭداشسىز» كىمە تۇنجى سۇغا چۈشۈرۈلۈپ نەچچە مىنوتتىن كېيىنلا شامالدا ئىككى يانغا لەپپەڭشىپ، تەڭپۇڭلىقىنى يوقۇتۇپ، بىردەمدىلا دېڭىزغا غەرق بۇلىدۇ. سەۋەبى كىمىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئېغىر دەرىجىدە نىسپىتى بۇزۇلۇشتىن ئىبارەت ئەجەللىك خاتالىق يۇشۇرۇنغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن غايەت زور مەبلەغ بىلەن ياسالغان بۇ «تەڭداشسىز» كىمە قۇرۇلما جەھەتتىكى خاتالىقنىڭ بەخىتسىز قۇربانىغا ئايلىنىدۇ.
يۇمشاق دېتال قۇرۇلىشىمۇ خۇددى كىمە، ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلىشىغا ئوخشاش بىر خىل مۇرەككەپ قۇرۇلۇش. ناۋادا ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولمىسا لايىھە ۋە كود قانچە ياخشى ئىشلەنگەن بىلەن، ئەمىليەتنىڭ سېنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي كېرەكسىز ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.دىمەك لايىھىنى پىروگىراممىنىڭ «روھ»ى دىيىشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلمىنى لايىھىنىڭ «روھ»ى دىيىش كېرەك.
2. يۇمشاق دېتال قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىياتى
يۇمشاق دېتال قۇرۇلمىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئومومى جەھەتتىن مۇنداق ئىككى باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن:
بىرىنچى باسقۇچ: بىر قاتلاملىق قۇرۇلما باسقۇچى
كومپىيوتېر پىروگىراممىسى بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ خېلى ۋاقىتقىچە يېزىلغان پىروگىراممىلاردا ئابونت بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن تارتىپ، كەسپى لوگىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇچۇرلارنى ساقلاشقىچە ھەممە جەريان بىر ياكى بىر قانچە پىروگىراممىدىلا ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. پىروگىراممىنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلېرى ئارسىدا پەقەت ئېقتىدار تەقسىماتىلا مەۋجۇت بۇلۇپ، ئىش تەقسىماتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى. شۇڭا بۇنداق پىروگىراممىلار ئادەتتە پەقەت بىرلا قەۋەتتىن تۈزۈلەتتى.
بىر قاتلاملىق پىروگىراممىلار گەرچە يېزىشكە قولاي بولغىنى بىلەن ھەجىمى چوڭايسا قالايماققانلىشىپ كېتەتتى. ئۇچۇر ساقلاش دىگەندەك كۆپ قوللىنىلدىغان كودلارنى ئۆزگەرتىش توغرا كەلسە نۇرغۇن جايلاردا تەڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشكە توغرا كېلەتتى. بۇ پىروگىراممىنىڭ ئاسىراش ۋە كېڭەيتىشتە زور قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى. شۇڭا بىر قىسىم پىروگىراممېرلار كود يازغاندا ئەسلىدىكىدەك ھەممىنى ئارلاشتۇرۇپ يازماي ئۇنى ئىش تەقسىماتى بويىچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يېزىپ كۆپ قاتلاملىق يۇمشاق دېتال لايىھىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئىككىنچى باسقۇچ: كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلما باسقۇچى
كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىدا پىروگىرامما ئۇمومى جەھەتتىن ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈندى:
بىرىنچى قەۋەت: ئابونتلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان «ئابونتلار يۈزى» قەۋىتى (ئادەتتە كۆرگەزمە قەۋىتى، ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتىمۇ دېيىلىدۇ). بۇ قەۋەتكە ئابونتلار كۆرۈنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۆزنەك، Html،ASP،JSP بەتلېرى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.
ئىككىنچى قەۋەت: كەسپى لوگىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان «كەسپى لوگىكا» قەۋىتى. بۇ قەۋەتكە پىروگىراممىنىڭ ھەقىقى ئېقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پىروگىراممىلار ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. مەسىلەن NET. قوللانمىسىدىكى VB ياكى C# پىروگىراممىسى قاتارلىقلار.
ئۈچۈنچى قەۋەت: مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە سانلىق مەلوماتلار ئامبىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىشىپ، «كەسپى لوگىكا» قەۋىتىگە ۋاكالەتەن ھەرخىل بايلىقلارنى باشقۇرىدىغان «مۇلازىمەت» قەۋىتىدىن ئىبارەت.
بۇ خىل قۇرۇلمىدا بىرىنچى قەۋەت ئابونتلار كۆرۈنىشىگە، ئىككىنچى قەۋەت كەسپى لوگىكىغا، ئۈچۈنچى قەۋەت بايلىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە مەسئول بۇلىدۇ. بۇ خىل ئېنىق ئايرىلغان ئىش تەقسىماتى يۇمشاق دېتال قۇرۇلىشى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىشچانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بېرىدۇ. تۈۋەندە بۇ ھەقتە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىمىز.
3. كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى
1) پىروگىراممىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى يوقۇرى كۆتۈرىدۇ.پىروگىرامما مۇستەققىل ئىش تەقسىماتى بۇيىچە ئايرىم بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يېزىلسا ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئېنىق، چۈشۈنۈشكە ئاسان بولىدۇ.باشقىلار ئاسان چۈشۈنەلەيدۇ.
2) يۇمشاق دېتالنى ئاسىراشقا پايدىلىق. يۇمشاق دېتال ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ياكى ئۇنداق،ياكى مۇنداق خاتالىقلار بايقىلىشى مۇمكىن.ياكى بولمىسا ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەلوم قىسىمىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجى توغۇلىشى مۇمكىن.كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىدا بۆلەكلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولغانلىقى ئۈچۈن خاتالىقنى بايقاش سۈرئىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشكە بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەلوم بىر بۆلەكنى ئۆزگەرتكەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقا بۆلەكلەرنى خاتا ئۆزگەرتىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.بۇلۇپمۇ چوڭ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللاردا بۇ ئارتۇقچىلىق ناھايىتى روشەن ئىپادىلىندۇ.
3) پىروگىراممىلارنىڭ قايتا ئىشلىتىلشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ.بۆلەكلەرگە بۆلۈپ لايىھىلەنگەن پىروگىراممىنىڭ مەلوم قەۋىتىنى باشقا قوللانمىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ. مەسىلەن ئۇنىڭ ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى بىلەن بايلىق مۇلازىمىتى قەۋىتىنى باشقا بىر يۇمشاق دېتال قۇرۇلىشىغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.بۇ ئارقىلىق كۆپ ۋاقىت تىجىيەلەيسىز.
4) يۇمشاق دېتالنىڭ كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدا ئېچىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق.قاتلاملارغا بۆلۈنگەن يۇمشاق دېتالنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملېرىنى ئوخشاش بولمىغان پىروگىراممېرلارغا ئېچىشقا بېرىشكە بۇلىدۇ. مەسىلەن ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتىنى پىروگىرامما تېلىدىنى ئانچە خەۋىرى يوق، بىراق ئابونتلار كۆرۈنىشى (مەسىلەن كۆزنەك، تور بېتى دىگەندەك) نى ياخشى لايىھىيەلەيدىغان «گۈزەل سەنئەت ئۇستىلېرى» غا ئىشلەشكە بەرسىڭىزمۇ بۇلىۋېرىدۇ.
4. كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىنىڭ كەمچىلىكى
ھەرقانداق نەرسىنىڭ ياخشى-يامان ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا كەمچىلىكلېرى بار:
1) پىروگىراممىنىڭ كود كۆرۈنىشى مۇرەككەپلىشىدۇ. ئەسلىدە بىر تۈر ياكى پىروگىراممىغا يېزىشقا بۇلىدىغان ئېقتىدارلارنى بىر قانچە تۈرگە بۆلۈپ يازسىڭىز پىروگىراممىنىڭ كودى قارىماققا مۇرەككەپلىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ.
2) يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلەش ئۈنۈمىنى تۈۋەنلىتىدۇ. ئەسلىدە بىرلا پىروگىرامما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئېقتىدار بىرقانچە پىروگىراممىغا بۆلۈپ يېزىلغاچقا ئۇنىڭ ئىشلەش ئۈنۈمى تۈۋەنلەيدۇ.بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلەش سۈرئىتىگە مەلوم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
5. كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلمىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى
كۆپ قاتلاملىق قۇرۇلما لايھىسى ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندىن بويان قوللىنىش جەھەتتىن ناھايىتى زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. گەرچە بۇ خىل قۇرۇلمىنىڭ ئىشلەش ئۈنۈمى جەھەتتە مەلوم كەمچىلىكى بولسىمۇ بۇ كەمچىلىكنى قاتتىق دېتالنىڭ ياردىمىغا تايىنىپ يېڭىپ كەتكىلى بولاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلېرى، بۇلۇپمۇ يۇمشاق دېتالنى ئاسىراش، قايتا قوللۇنۇش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلېرى ئۇنى دۇنيا يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىدىكى ئاساسى رولچىغا ئايلاندۇردى. ھازىر ھەممە يۇمشاق دېتاللار، مەيلى ئۇ ئۈستەل يۈزى قوللانمىسى ياكى تور قوللانمىسى بولسۇن، C/S ياكى B/S شەكلى بولسۇن ئاساسەن كۆپ قاتلاملىق قېلىپ لايىھىلەنمەكتە.بۇلۇپمۇ J2EE، J2SE، J2ME قۇرۇلمىلېرى ۋە NET.قۇرۇلمىلېرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كۆپ قاتلاملىق يۇمشاق دېتال قۇرۇلمىسى ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى ئەڭ ئاساسى قۇرۇلما شەكلى بولۇپ قالدى.
ئىزدىنىش تورىدىن ئېلىندى

http://qaran.6te.net/?p=104 | قارخان:(permalink) مۇقىم ئۇلانما

مەزكۇر يازما ئاپتورى: admin| ۋاقت:2013-يىل10-ئاينىڭ17-كۈنى| يازما تۈرى:ئۇنىۋېرسال ، سىز باھا يوللىيالايسىز، ھەمدە يازما ئەسلى مەنزىلى ۋە ئاپتورنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭ توربېتى ياكى تۇرايىڭىزغا ھەمقەدەم قىلالايسىز.
ئىجادىي يازمىلارنى ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ: يۇمشاق دىتال قۇرۇلمىسى ۋە تەرەققىياتى | قارخان
ئاچقۇچلۇق سۆز:

باھا يېزىش

تېزلەتمە كونۇپكا:Ctrl+Enter
Free Web Hosting