تور بىكەت قۇرغۇچىلار بىلىشكە ھەم بىجىرىشكە تىگىشلىك ئىجازەتنامىلەر
ئىجازەتنامى نامى: ICPئەنگە ئالدۇرۇش
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: ئاساسلىقى تىجارەت خارەكتىرىنى ئالمىغان تور بىكەتلەرگە تەدبىقلىنىدۇ. دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ھەر قانداق تور بىكەت بىجىرىشكە تىگىشلىك.
بىجىرگۈچى ئورۇن: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستېرلىكى
(رايونىمىزدا ئاپتونوم رايۇنلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇل)
ئىجازەتنامى نامى: ئىلان تىجارىتى ئىجازەتنامىسى
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: تىجارەت خارەكتىرىدىكى ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇنلىنىپ، باشقىلار ئۇچۈن تور ئېلانى لاھىيەلەش، ياساش ۋە تارقىتىش بىلەن شۇغۇنلىنىدىغانلار.
بىجىرگۈچى ئورۇن: سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگىنى
ئىجازەتنامى نامى: تور مەدەنىيەت تىجارىتى ئىجازەتنامېسى
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغانلار، توردا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ۋە مۇسابىقىسى بىلەن شۇغۇنلانغۇچىلار.
بىجىرگۈچى ئورۇن: مەدەنىيەت تارماقلىرى
ئىجازەتنامى نامى: ئاخبارات نەشىرىيات ئىجازەتنامىسى
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: ئاخبارات نەشىرىيات تىپىدىكى ئېلكترۇنلۇق سودا كەسپى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان تور بىكەتلەر.
بىجىرگۈچى ئورۇن: ئاخبارات- نەشىرىيات تارماقلىرى
ئىجازەتنامى نامى: ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامىسى
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: دۆلىتىمىز چىگىرىسى ئىچىدە ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان تور بىكەتلەر
بىجىرگۈچى ئورۇن: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى
ئىجازەتنامى نامى: ئالاقە تورى دورا ئۇچۇر مۇلازىمەت لاياقەتنامىسى
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: ئالاقە تورىدا دورا ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇنلىدىغان تور بىكەتلەر
بىجىرگۈچى ئورۇن: دۆلەتلىك يىمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگىنى
ئىجازەتنامى نامى: تېلگىراف كەسىپلىرى تەستىقى
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: ئالاقە تورىدا ئېلىكترونلۇق ئىلان (BBS) مۇنبەر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان تور بىكەتلەر.
بىجىرگۈچى ئورۇن: خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى
ئىجازەتنامى نامى: قوشۇلما تېلگىراف كەسىپلىرى تىجارىتى ئىجازەتنامىسى
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: سىمسىز قوشۇلما كەسىپلەر بىلەن تەمىنلىگۈچى تور بىكەتلەر
بىجىرگۈچى ئورۇن: خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى
ئىجازەتنامى نامى: تېلگىراف ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپى تىجارىتى ئىجازەتنامسى
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: تېلگىراف ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت كەسپى تىجارىتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان تور بىكەتلەر
بىجىرگۈچى ئورۇن: خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى
ئىجازەتنامى نامى: ئالاقە تورى تىببىي ئۇچۇر مۇلازىمىتى باشقۇرۇش
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: تىببى داۋالاش تور بىكەتلىرى ئېچىش ياكى تىببىي داۋالاش ئۇچۇرلىرىنى يوللاش ئارقىلىق، توردا ئابونىتلارنى تىببىي داۋالاش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى تور بىكەتلەر
بىجىرگۈچى ئورۇن: سەھىيە مېنىستېرلىكى
ئىجازەتنامى نامى: ئېلىكترونلۇق چىقىم نۇمۇرى
تەدبىقلىنىش دائىرىسى: توردا چىقىم قىلىش، ئېلكترونلۇق پۇل تارقىتىش ۋە راسچوت قاتارلىقلار ئېلتىماس قىلىشقا تىگىشلىك چىقىم راسچوت كەسپى
بىجىرگۈچى ئورۇن: جۇڭگو خەلق بانكىسى
http://qaran.6te.net/?p=32 | قارخان:(permalink) مۇقىم ئۇلانما