يۇمشاق دېتاللارنىڭ نەشر ناملىرى توغرىسىدا

images (1)
يۇمشاق دېتاللارنىڭ نەشر-نومۇرلىرىغا قارىساق Alpha ، Beta ، RC دېگەندەك نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى كۆرۈمىز، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ قانداق مەنىسى بار؟
1. Alpha نەشرى
Alpha نەشرى پەقەت يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار ئىچكى قىسىمدا سىنايدىغان نەشرى بولۇپ، ئومومىي قۇرۇلمىسى پۈتۈپ، ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن بولىدۇ. كەمچىللىكلىرى بىرقەدەر كۆپ، پىششىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
2. Beta نەشرى
Beta نەشرى بولسا Alphaنەشرىگە قارىغاندا خېلى مۇكەممەلەشكەن بولۇپ، چوڭ خاتالىقلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك. ئەمما ئۇششاق كەمچىللىكلەردىن خالىي ئەمەس. بۇ نەشرى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن سىنىلىپ، تەدرىجى تۈزىتىلىدۇ، دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىكى مۇكەممەلەشتۈرىلىدۇ.
3. RC نەشرى
RC نىڭ تولۇق يېزىلىشى Release Candidate بولۇپ، تارقىتىلىش ئالدىدىكى رەسمىي نەشرى ( كاندىدات ) نى كۆرسىتىدۇ. بۇ نەشرىدە يەنە باشقا ئىقتىدارلار قوشۇلمايدۇ، ئىزچىل ھالدا ئۇششاق خاتالىقلار تۈزىتىلىدۇ.
4. RTM نەشرى
تولۇق يېزىلىشى Release to Manufacture بولۇپ، يۇمشاق دېتال رەسمىي پۈتۈپ، بازارغا سېلىش ئۈچۈن دېسكىلاشقا تاپشۇرۇلغان نەشرىنى كۆرسىتىدۇ. رەسمىي نەشرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. لېكىن يەنىلا قىسمەن چەكلىمىسى بولۇپ، باھالاش باسقۇچىدا تۇرىدۇ.
5. Release نەشرى
مەزكۇر نەشرى ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قولىغا تېگىدىغان نەشرى بولۇپ، رەسىي ئۆلچەملىك نەشرى دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپۈنچە ھاللاردا release دېگەن خەت قىسقارتىلىپ (R) قىلىپ ( چەمبەر ئىچىگە ئېلىنغان R ) يېزىلىدۇ.
6. RTL نەشرى
تولۇق يېزىلىشى Retail بولۇپ، رەسمىي نەشرى يەنى ماگزېنلاردا پارچە سېتىلىدىغان نەشرىنى كۆرسىتىدۇ.
7. OEM نەشرى
تولۇق يېزىلىشى Original Equipment Manufacturer بولۇپ، يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچى تەرەپ قاتتىق دېتال شىركەتلىرىنىڭ قاچىلاپ سېتىشى ئۈچۈن بەرگەن نەشرىنى كۆرسىتىدۇ. قاتتىق دېتال ئىشلىگۈچى تەرەپ يۇمشاق دېتال ئىشلىگۈچى تەرەپنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، يۇمشاق دېتالنىڭ قاچىلاپ سېتىش ھوقوقىنى سېتىۋېلىپ، قاچىلاپ تارقىتىدۇ.
8. Trial نەشرى
سىناپ ئىشلىتىدىغان نەشرى. ئادەتتە بۇ خىل نەشرىدە ۋاقت چەكلىمىسى بولۇپ، ئىشلەتكۈچى بىر مەزگىل ھەقسىز سىناپ ئىشلىتىپ، كۆڭلىگە ياقسا مۇۋاپىق ھەق تۆلەپ رەسمىي نەشرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ.
9. Unregistered نەشرى
يەنى تىزىملىتىلمىغان نەشرى. Trial غا ئاساسەن ئوخشاش، ئەمما قىسمەن ئىقتىدارلىرى قۇلۇپلانغان بولۇپ، ھەق تۆلەپ تىزىملاتقاندىن كېيىن ھەممە ئىقتىدارلىرىنى تولۇق ئىشلىتەلەيسىز. ئەكسىچە registered بولسا تىزىملىتىلغان نەشرى بولىدۇ.
10. Demo نەشرى
كۆرگەزمە نەشرى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇ نەشرىدە رەسمىي نەشرىدىكى قىسمەن ئىقتىدارلارلا قوشۇلغان بولۇپ، Unregistered نەشرىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئوخشىمايدىغان يېرى دەرىجە ئاتلىتىپ ياكى تىزىملىتىپ رەسمىيلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.
11. Standard نەشرى
ئۆلچەملىك نەشرى. ھەرقانداق دېتالنىڭ بىر ئۆلچەملىك نەشرى بولىدۇ. يەنى ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تولۇق قوشۇلغان، ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەلىۋىدىن چىقالايدىغان نەشرىنى كۆرسەتىدۇ.
12. Deluxe نەشرى
ئىسمىدىن چىقىپ تۇرىدىكى بۇ بارلىق ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى تولۇق بولغان «ئېسىل، ھەشەمەتلىك» نەشرى..
13. Professional نەشرى
كەسپىي نەشرى. بۇ نەشرى ئادەتتە مەخسۇس يۇمشان دېتال ئېچش مۇھىتلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ نەشرىدە بار بولغان نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆلچەملىك نەشرىدە بولمايدۇ. ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە زۆرۈر ئەمەس.
14. Enterprise نەشرى
يەنى كارخانا نەشرى. بۇ نەشرى يۇمشاق دېتال ئىچىش ساھەسىدە ئەڭ مۇكەممەل سانىلىدىغان نەشرى بولۇپ، Professional غا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ. بۇ نەشرىدىكى دېتال ئارقىلىق ھەرقانداق دەرىجىدىكى يۇمشاق دېتالنى ئاچقىلى بولىدۇ. باھاسىمۇ زىيادە يۇقۇرى بولىدۇ.

http://qaran.6te.net/?p=83 | قارخان:(permalink) مۇقىم ئۇلانما

مەزكۇر يازما ئاپتورى: admin| ۋاقت:2013-يىل10-ئاينىڭ17-كۈنى| يازما تۈرى:سېستىما ، سىز باھا يوللىيالايسىز، ھەمدە يازما ئەسلى مەنزىلى ۋە ئاپتورنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭ توربېتى ياكى تۇرايىڭىزغا ھەمقەدەم قىلالايسىز.
ئىجادىي يازمىلارنى ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ: يۇمشاق دېتاللارنىڭ نەشر ناملىرى توغرىسىدا | قارخان

باھا يېزىش

تېزلەتمە كونۇپكا:Ctrl+Enter
Free Web Hosting