تور بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى

下载
بۈگۈنكى دەۋردە، ئىنتېرنېت تورى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم تەركىبكە ۋە ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىشىدىكى مۇھىم ۋاستىگە ئايلاندى. تورنىڭ تارقىتىش كۈچى تەسىرى زور بولغان يېڭىچە ئاخبارات سىستېمىسىنى پەيدا قىلىدى، ئۇ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ساھەلەرگە سىڭىپ كىرىپ، ئىنسانلارنىڭ ئالاقە شەكلى ۋە تەپەككۇر شەكلىنى ئۆزگەرتتى.

1994 يىلى 4-ئايدا دۆلىتىمىز خەلقئارا ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلانغاندىن بۇيان، تور دۆلىتىمىزدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، دۆلىتىمىزدىكى ئىنتېرنېت تور ئابۇنتى 338 مىلىيۇن بولۇپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى %25.5 بولغان ھەمدە داۋاملىق ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان. ئىنتېرنېت تورىنىڭ تەرەققىياتى دۆلىتىمىز جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ دېيشكە بولىدۇ. توردا تارقىتىش شەكلى جەمئىيەت تۇرمۇشىغا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، لېكىن يەنە بىر قاتار يېڭى ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى. ئىلمىي ساھەدىكىلەر بۇنىڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، تورنىڭ ئەۋزەللىكىدىن قانداق پايدىلىنىش، ئۇنىڭ ئاكتىپ ۋە پاسسىپ رولىنى قانداق كونترول قىلىش، يېتەكلەش دېگەندەك مەسىلىلەرنى كۆپ تەرەپتىن تەھلىل قىلدى.

توردا ئۇچۇر تارقىتىش پۈتۈنلەي يېڭىچە ئالاھىدىلىك ۋە ئەۋزەللىككە ئىگە

توردا تارقىتىش دېگەن نېمە؟ دېگەن مەسىلىگە قارىتا، مۇتەخەسسلەر ئوخشىمغان شەكىلدە يىغىنچاقلايدۇ. بىر قەدەر ئومۇملاشقان قاراش بولسا، ئاتالمىش توردا ئۇچۇر تارقىتىش، ئىنتېرنېت تورىدىن ئىبارەت ئۇچۇر تارقىتىش سۇپىسى ئارقىلىق، كومپيوتېر، تېلىۋىزور ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، يېزىق، ئاۋاز، رەسىم، سۆرەت قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۇچۇر تارقىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

تورنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېز تەرەققىي قىلىشىنى، ئاساسلىق ئەنئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى بەلگىلىگەن. توردا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ تېزلىكى ۋە كۆلىمى، تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسى ھەمدە ئىپادىلىنىش شەكلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېىخمۇ بېيتتى. مۇتەخەسسىلەرنىڭ يىغىنچاقلىشىغا ئاساسلانغاندا، تور ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە:

ئۇچۇر مىقدارى كۆپ، سۈرئىتى تېز. تور ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ساقلانغان ئۇچۇرنىڭ ھەجىمىنى چەكسىز كېڭەيتىدۇ، ئەنئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى بولسا، بەت يۈزى، قانال، ۋاقىت قاتارلىق ئامىللارنىڭ چەكلىمىلىكىگە ئۇچرىغاچقا، ئېلان قىلىنغان مەزمۇننى ئېھتىياجغا ئاساسەن كېڭەيتىش ۋە بېيىتىشقا ئامال بولمايدۇ. ئۇچۇرنىڭ تارقىلىش ئۈنۈمى جەھەتتىن، ئەنئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلار چوقۇم توپلاش، تاللاش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق نۇرغۇن ھالقىلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىشلەتكۈچىلەرگە يەتكۈزىلىدۇ، توردا بولسا بۇ جەريانلار زور دەرىجىدە قىسقارتىلغان بولۇپ، توردىكى ئۇچۇرلار ئۆز ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدىن تارتىپ، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلارغىچە تور ئارقىلىق ماس قەدەملىك ئىنكاسلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

تارقىتىش ۋاستىسى كۆپ خىل. توردا تارقىتىش پەقەت ئەنئەنىۋى تارقىتىش شەكىللىرىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، يېزىق، ئاۋاز، سۆرەت قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلىپ، ئىشلەتكۈچىلەنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

تارقىتىش جەريانى كۆپ تەرەپلىمە بولىدۇ. ئەنئەنىۋى بولغان گېزىت، رادىئو، تېلىۋىزىيە قاتارلىق تارقىتىش ۋاستىلىرى تارقاتقۇچىلارنى مەركەز قىلغان يەككە يۆنىلىشلىك، سىزىقلىق تارقىتىش ۋاستىسى بولۇپ، تارقىتىش سۇبېيكتى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئۇچۇرنىڭ بىردەك بولماسلىقى مەۋجۈت. لېكىن توردا تارقىتىشتا، تارقاتقۇچى بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز-ئارا خالىغانچە ئالمىشىپ تۇرىدۇ، قۇبۇل قىلغۇچى ھەم ئۇچۇرنى تارقاتقۇچى ھەم ئۇچۇرنى قۇبۇل قىلغۇچى بولالايدۇ. قۇبۇل قىلغۇچىلارنىڭ سۇبېيكتىپ ئورنى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇچۇر تارقىتىپ ياكى ئۇچۇرغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ۋاقىت-زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ.

پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاشكارا بولىدۇ. توردا كىشىلەر ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان مىللەت ئارىسىدا، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىدىيە قارىشى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق كۆپلىگەن تەرەپلەردىن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. توردىكى ئۇچۇر پۈتۈنلەي ئاشكارا بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادا ئورتاق بەھىرلىنىدۇ، قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۆپلىكى ئۇنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

تارقىتىش سۇبېيكتى كەڭ. ئەنئەنىۋى ئۇچۇر ئېلان قىلىشنىڭ سۇبېيكتى مەلۇم تېلىۋىزىيە ئىستانىسى، ياكى گېزىتخانا، نەشىرىيات بولىدۇ. ئېنتېرنېتتا بولسا، ھەر بىر تور ئىشلەتكۈچى ئۇچۇرنىڭ تارقاتقۇچىسى بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تور يەنە ئەنئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىسى ئىگە بولمىغان مەۋھۇملۇققا ئىگە بولۇپ، توردىكى ئۇچۇر تارقاتقۇچى نامسىز بولسا، تور ئىشلەتكۈچىلەر ئىختىيارى سۆز قىلسا بولىدۇ، ھەممەيلەننىڭ سۆز قىلىش پۇرسىتى باراۋەر بولىدۇ.

تور قوش قاتلاملىق ئۈنۈمگە ئىگە

تورنىڭ تېز تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن تەسىر قوش قاتلاملىق بولىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئورتاق ھالدا، تور بىر قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ. بىر تەرەپتىن، توردىكى ئىلمىي ئۇچۇر تارقىتىش ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كىشىلەرنى ئويۇشتۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن، تور باشقۇرۇشنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ئاسانلا ناچار ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر، توردا تارقىتىشنىڭ ئاكتىپ ئۈنۈمىنى توغرا تونوش ھەمدە توردىكى ناچار ئۇچۇرلارنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنىدىن ھۇشيار بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

تورنىڭ رولى ئاساسەن تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ :

جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى پائالىيىتىگە پايدىلىق. يېقىندىن بۇيان، توردا ئۇچۇر يەتكۈزۈش سودا، مائارىپ، داۋالىنىش، پۇل-مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەملىك قوللىنىشقا ئېرىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، توشۇش، باشقۇرۇش قاتارلىق نۇرۇغۇن ھالقىلارنى بىرلەشتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تور ئويۇنى، IT، ئاخبارات ۋاستىىسى، نەشىرىيات قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. تور بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇچۇرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش لايىھىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئاكسىيە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

جەمئىيەتتىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. تور كىشىلەرنى ئەركىن پىكىر بايان قىلىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرنىڭ <<ئىچىنى بوشىتىدىغان>> كۆڭۈلدىكىدەك ئورنى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، توردىكى باراۋەرلىك كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.

پۇقراۋى ئاڭنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. تورنىڭ مەركىزى، رەھبىرى ئورگىنى يوق. ھەر بىر ئىشلەتكۈچى بەلكىم مەركەز بولىشى مۇمكىن، بۇ ھەممەيلەندە باراۋەرلىك ئېڭى ۋە ھوقۇق ئېڭى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇندىن باشقا، تور ئەركىن، ئېچىۋىتىلگەن بولۇپ، كىشىلەر باراۋەر ئاساستا ئەركىن پىكىر بايان قىلسا بولىدۇ. شۇڭا، تور كىشىلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرىشىغا كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى.

مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەننىڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق. تور زامان-ماكان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئوخشىمىغان دۆلەت، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ھەرخىل مەدەنىيەت قارىشى، ئۆرپ-ئادەت، سىياسىي، دىنى ۋە قىممەت قارىشى، ئېتىكا قارىشى، تۇرمۇش ئەنئەنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇردى. تورنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئېچىۋىتىلگەن بولىشى، بىزنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى ئۆگىنىشىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىزغا پايدىلىق.

مۇتەخەسىسلەر، تورنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن ئاكتىپ تەسىرلىرىنى كۆرۈش بىلەن، ئۇنىڭ سەلبىي ئۈنۈملىرىگىمۇ دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى. تورنىڭ سەلبى ئۈنۈملىرىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ :

مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تور جەمئىيىتىنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى ھوقۇقسىزلىق، مەركەزسىزلىك. توردا ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا ئومۇمىيۈزلۈك چەكلەش كۈچىگە ئىگە قېلىپلاشقان تۈزۈم يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر توردا قاپ يۈرەك بولۇپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەردە مەسئۇلىيەت ئېڭىنىڭ سۇسلىشىشى، ھۆكۈمەتسىزلىكنى تەشەببۇس خاھىشلىرى پەيدا بولىدۇ.

كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يىراقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تورنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان زور تەسىرى ۋە سىڭىپ كىرىش كۈچى كىشىلەرنىڭ تورغا زىيادە تايىنىۋىلىشىنى پەيدا قىلدى، ئۇزۇن مەزگىل توردا يۈرگەن ئادەملەر تور ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا، ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە، ھېسياتىنى ئىپادىلەشكە، ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن بارغانسىرى يىراقلايدۇ. ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئادەم بىلەن ماشىنا، ماشىنا بىلەن ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىگە ئايلىنىپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھېسيات سۇسلىشىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ماھىيىتى ۋە ئالاقە شەكلىدە بۇرمىلىنىش پەيدا بولىدۇ.

ئاساسى ئېقىم ئېڭىنىڭ يىمىرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى مۇتەخەسسلەر، تور بەلكىم جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىم ئېڭىغا زور تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى. توردا ئالاقىلىشىش ئىرق، رايون، مىللەت، دۆلەت ۋە ئوخشىمىغان ئىدىئولوگىيە، قىممەت قارىشى قاتارلىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئالاقە جەريانىدا، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي ئاڭلار ئۆز-ئارا تەنقىد قىلىدۇ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن، جەمئىيەتتىكى ئاساسى ئېقىم ئېڭىنىڭ مەركەزلىك ئورنى تور دۇنياسىدا ئاسانلا يىمىرىلىدۇ، بۇ ئەھۋال رېئال تۇرمۇشتا تەسىر كۆرسىتىپ، نەتىجىدە قىممەتنىڭ نىسبىيلىكى ۋە قىممەتسىزلىك ئېڭى ئەۋج ئېلىپ، رېئال تۇرمۇشتىكى ئاساسىي ئېقىم ئېڭىنىڭ ھوقۇقلۇق ۋە مەركەزلىك ئورنى يىمىرىلىدۇ.

ئۇچۇردىن پايدىلىنىشنىڭ باراۋەر بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تورنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچۇر كاۋاكلىقى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئۇچۇر كاۋىكى پۈتۈن دۇنيا ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە پايدىلىنىش پەرقىدىن كېلىپ چىققان ئارقىدا قېلىش، بىلىمنىڭ پارچىلىنىشى ۋە باي-كەمبەغەللەرنىڭ ئايرىلىش ھادىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پەقەت دۆلەتلەر ئارىسىدا مەۋجۈت بولۇپ قالماي، ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان جىنىس، ئوخشىمىغان ياش ۋە ئوخشىمىغان مائارىپ تەربىيىسىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىمۇ مەۋجۈت. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ياشلار ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ، ياشلار ئۇچۇر مەنبەسىدىكى ئەۋزەللىككە ئىگە، قېرىلار ئاز سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئاسانلا دەۋر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى پەيدا قىلىدۇ. تور ئابۇنتلىرىنىڭ تارقىلىشىدىن قارىغاندا، شەھەر-بازار نوپۇسى 4/3 ئۆلۈشنى ئىگىلىگەن بولۇپ، يېزىلاردىن بولۇپمۇ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى يېزىلاردىن خېلىلا يۇقىرى، بۇ دەل ئۇچۇردىن پايدىلىنىشىتىكى رايونلار ئارىسىدىكى باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توردا ئۇچۇر تارقىتىش كىشىلەرگە يېڭى مەدەنىيەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، توردىكى جىنايى قىلمىشلار ۋە ئەخلاقتا تاپتىن چىقىپ كېتىش ئەھۋاللىرىنى مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ پەقەت ئەنئەنىۋى جىنايى قىلمىش ۋە ناچار ئەخلاقى ھادىسىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەنلا ئىپادىلەنمەستىن، بەلكى بەزى يېڭى جىنايەت ۋە ئەخلاق قىلمىشلىرىنى ماگىنىتلىق زېمىن بىلەن تەمىنلەشتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن، پۇل-مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، قاقتى-سوقتى قىلىش، سېرىق ۋىرۇس، شەھۋانىيلىق، باشقىلارنىڭ بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا ۋە شەخسي مەخپىيەتلىكىگە تاجاۋۇز قىلىش قاتارلىقلار.

باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش ئارقىلىق تورنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.

مۇتەخەسىسلەر ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا، ئېنتېرنىتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇملىشىشغا ئەگىشىپ، تورنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي ئۈنۈملىرى ئوخشاش كېڭەيمەكتە. شۇڭا، تورنى باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن زۆرۈر، باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش ئارقىلىق تورنىڭ ساغلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تورنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك دەپ قارىدى. دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تور تەرەققىيات ئاھۋالىغا قارىتا، مۇتەخەسىسلەر باشقۇرۇپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىلىق نۇرغۇن تەكلىپلەرنى بەردى، بۇلارنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ :

نەزىرىيىۋى تەتقىقاتنى كۈچەيتىش. مۇتەخەسىسلەر، تورنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم نەزىرىيىسىنى يېتەكچى قىلىشى، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئاكتىپ پايدىلىنىپ، زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى، ئىلمىي باشقۇرۇلۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار، مول جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەدەنىيەتتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تور تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

تور قانۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. تېزلىكتە دۆلەت تور باشقۇرۇش ئورگىنىنى ئاڭدىڭلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تور باشقۇرۇش خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، تورنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇپ نازارەت قىلىش قۇرۇلمىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم.

كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش. تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە، شۇ سەۋەبتىن تېخنىكىلىق تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ھالقا. ئۆز بىلىم-مۈلۈك ھوقىغا ئىگە ئۇچۇر بىخەتەرلىك مەھسۇلاتىنى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىفىرلاشتۇرۇش ساھەسىدە بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇرنى نازارەت قىلىپ سۈزۈش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تور ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئىناۋەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەگەر تور ئىشلەتكۈچىلىرى ناچار ئۇچۇرلارنى يوللىسا، ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ، كونترول قىلىش ھەمدە ئىشلەتكۈچىنىڭ توردىكى ئەركىنلىكىنى چەكلەش كېرەك.

كەسپىي بىرلەشمە قۇرۇش. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە ئېنتېرنىېت كەسپىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى كەمچىل، مۇكەممەل ئەمەس. پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە، كەسپى بىرلەشمە قۇرۇپ، بىرلەشمە ئارقىلىق رەسمىي كەسپى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى تۈزۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بېكەتلەرنى جازالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش. تورنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تور ئىشلەتكۈچىلىرىگە قارىتا تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ۋە ئەخلاق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش تولىمۇ مۇھىم. نۆۋەتتىكى دۆلىتىمىز تور ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ياش جەھەتتىن تۆۋەنلەش ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، مۇناسىۋەتلىك تور قانۇن-بەلگىلىمىلىرى ۋە ئەخلاق تەربىيىلىرىنى، ئالىي، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ چوقۇم ئۆتۈلىدىغان دەرسلىكى قاتارىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى، بولۇپمۇ تور ئاخبارات ۋاستىلىرى مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، تور قانۇنى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى تەشۋىق قىلىپ، تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇن ئېڭى، تۈزۈمچانلىقى ۋە ئۆزىنى باشقۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرىشى، ساغلام، مەدەنىيەتلىك تورغا چىقىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىشى كېرەك.

http://qaran.6te.net/?p=91 | قارخان:(permalink) مۇقىم ئۇلانما

مەزكۇر يازما ئاپتورى: admin| ۋاقت:2013-يىل10-ئاينىڭ17-كۈنى| يازما تۈرى:ئۇنىۋېرسال ، سىز باھا يوللىيالايسىز، ھەمدە يازما ئەسلى مەنزىلى ۋە ئاپتورنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ئۆزىڭىزنىڭ توربېتى ياكى تۇرايىڭىزغا ھەمقەدەم قىلالايسىز.
ئىجادىي يازمىلارنى ئىشلەتكەندە مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ: تور بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى | قارخان

باھا يېزىش

تېزلەتمە كونۇپكا:Ctrl+Enter
Free Web Hosting